1.بازاردا ئەكسىچە قايتىش كۆرۈلسە ،زىيان چىقسىمۇ ئىلكىڭىزدىكى چەت ئەل پۇلىنى دەرھال سېتىۋېتىڭ .
بەزىدە بازار ئاياغلىشىشقا يېقىن بازارغا كىرىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا ،بازاردا ئەكسىگە قايتىش كۆرۈلسە ،دەرھال ئىلكىڭىزدىكى چەتئەل پۇلىنى سېتىۋېتىڭ .مەسىلەن ،ساتقۇچىلار بازىرىدا چەتئەل پۇلى سېتىۋالغاندىن كېيىن بازاردا باھا چۈشۈش ئالامىتى كۆرۈلسە ،جىددىيلەشمەي سوغۇق ئانالىز قىلىپ ،ھازىرقى بازارنىڭ ئەكسىگە قايتقانلىقىنى دەلىللەنگەن ھامان زىيان چىقسىمۇ ئىلكىڭىزدىكى چەتئەل پۇلىنى سېتىۋېتىڭ .
2.باھا ئۆسكەندە قارىسىغا ئەگەشمەڭ .
چەتئەل پۇلى بازىرىدا باھانىڭ ئۆسۈشى ياكى چۈشىشى تۈز سىزىق بويىچە بولمايدۇ .تېز ئۆسسە ھامان تەڭشىلىدۇ ،تېز چۈشسە يەنە ئۆسىدۇ .چەتئەل پۇلى بازىرىدا باھانىڭ ئۆسۈش ۋە چۈشۈش نىسپىتى بىرقەدەر مۇرەككەپ ،ئىگىلىمەك تەس بولغانلىقتىن ،ئايرىباشلاش نىسبىتى تېز ئۆسسە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ،بۇنداق ۋاقىتتا كۆزىتىش پوزىتسىيەسىدە بولۇڭ ،قارىسىغا ئەگەشمەڭ .
3.خەۋىپ –خەتەرنى تىزگىنلەشنى بىلىڭ
چەت ئەل پۇلى بازىرى خەۋىپ خەتەر چوڭ بازار .بۇ خەۋىپ خەتەر چەت ئەل پۇلى باھاسىنىڭ توختىماي ئۆزگىرىشىدىن كېلىدۇ .چەت ئەل پۇلى بازىرىنىڭ داۋالغۇشى توغۇرسىدىكى نەزىريەلەر ئانالىزلار كۆپ بولسىمۇ ،دائىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدۇ .شۇڭلاشقا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن خەۋىپ -خەتەر ئېھتىماللىقى توغرىسىدا بىلىملەرنى ئىگىلەش تولىمۇ زۆرۆر .
4.سەۋرچانلىقمۇ بىر خىل مەبلەغ سېلىش
سېلىنما بازىرىدا مۇنداق بىر پاساھەتلىك سۆز بار :«سەۋىرچانلىقمۇ بىرخىل مەبلەغ سېلىش ».ھالبۇكى مەبلەغ ،بەزى مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭغا ئەمەل قىلالمايدۇ ياكى بۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ .كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئانالىز ئىقتىدارى يوقىرى ،تەجىربىسى خېلى مول بولسىمۇ ،ئۇلاردا سەۋىرچانلىق كەم ،شۇ سەۋىرچانلىقنىڭ كەملىكى بالدۇر سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋېتىشنى پەيدا قىلىپ ،ئورۇنسىز زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .شۇڭلاشقا ،چەت ئەل پۇلى بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلار سەۋىرچانلىقنىڭمۇ بىرخىل مەبلەش سېلىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش كېرەك .
9.ئارام ئېلىشنى بىلىڭ
مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چەت ئەل پۇلى مەبلەغ سېلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى پايدا ئېلىش بولغانلىقتىن ،ئازراقلا زىيان كۆرۈلسە ،نېرۋىلىرى جىددىيلىشىپ كېتىدۇ .پايدا ئالسا ،كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ ،زىيان كۆپ چىقسا ،تەرسالىشىپ چېچىلاڭغۇ بولۇپ كېتىدۇ .ھەتتا ئورۇنسىىز خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى ئامال بارلىق نەرسىنى ئۇنتۇپ ئارام ئېلىش .ئارام ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ،پايدا ئالغاندىكى ھاياجانلىنىش ،زىيان تارتقاندىكى جىددىيچىلىك بىر ئاز بولسىمۇ پەسىيدۇ ،كاللىمۇ سەگەكلىشىدۇ .بۇنداق ۋاقىتتا مەبلەغ سالسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
10.ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكمەڭ
چەت ئەل پۇلى سودىسىدا ئەھۋالىڭىزغا قاراپ ئىش كۆرۈڭ ،بىر ئۆمۈر تاپقان تەرگىنىڭىزنى بىراقلا دوغا تىكىۋەتمەڭ .چۈنكى بازارنىڭ يۈزلىنىشى مۆلچەرىڭىزدەك بولماي قالسا ،زىيان كۆرۈلدۇ دېگەن گەپ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved