گۇاڭجۇ كۈندىلىك گېزىتنىڭ خەۋىرى ، لى فامىللىك لاتارىيە بېلتى ئېلىپ 12مىليون يۈئەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ كەتمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن پۇلنى ئىنىسنىڭ نامىغا يۆتكەپ ئۇنى ئۆزىنىڭ نامىدا بىر ئۆ سېتۋالغىلى سالغان.بىراق ئەسلىدىكى جۆرىسدىن بۇرۇنقى ئايالىغا ئايلانغان لى خانىم نەرسە-كىرەكلىرنى تەييارلاۋاتقان ۋاقىتتا يولدىشنىڭ ئەسلىدە مىليونىر ئىكەنلىكنى بايقىغان تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ شىنجىن لوڭگاڭ سوت مەھكىمىسدىن بىلشىچە لى خانىم لوڭگاڭ سوت مەھكىمسىگە ئەرىز سۇنغان بۇلۇپ، ئۇ لوڭگاڭ سوت مەھكىمىسنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئېچىلغان سوت ھۆكۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ھۆكۈمنامىنىڭ مەزمۇندا لى فامىللىكنىڭ ئىنىسى ئاكىسنىڭ نامىدىكى ئۆينى ئۆزىنىڭ قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.سوت مەھكىمسى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كىيىن بۇ ‹‹ئۇچىنجى شەخىسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەرزى››نى قۇبۇل قىلغان.
لى خانىمنىڭ ئەرىز قىلشىغا سەۋەب بولغىنى ئۇنىڭ جاۋابكار ئالدىنقى يولدىشى لى فامىللىك بىلەن بولغان ئاجرىشىش ئىشى ئىكەن.لى خانىم بىلەن لى فامىللىك 2010-يىلى توي قىلىشقا تىزىملاتقان بۇلۇپ، 2013-يىلى يىل ئاخىردا ئاجرىشىشقا كىلىشكەن.ئاجراشقان ۋاقىتتا ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقانداق ئورتاق مال-مۈلكى يوق ئىكەن.لى خانىم ئۆزىنىڭ شەخسى نەرسىلىرنى يىغۇشتۇرۇپ كەتمەكچى بولغاندا ،ئۆيىدە ئەسلىدە ناھايتى زور سومملىق ئۆي سېتۋېلىش تالونى بارلىقنى بايقاپ قالغان.ئەسلىدە لى فامىللىك ئۇلارنىڭ ئائىلە مۇناسىۋتى تېخى داۋام قىلۋاتقان ۋاقتىتا لاتارىيە بېلتى ئېلىپ 12مىليون يۈئەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە بۇ پۇلنى نەۋرە ئىنىسنىڭ كارتىسغا يۆتكەپ نەۋرە ئىنىسنىڭ باغچە رايوندىن بىر ئۆي سېتۋېلىپ لى فامىللىكنىڭ ئۆزىنىڭ نامىدا قىلىپ بىرشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە ئۆي سېتۋالغان ئىشى لى خانىم تەرپىدىن بايقىلىپ قالغاندىن كىيىن لى فامىللىكنىڭ ئىنىسى 2014-يىلى 1-ئايدا لوڭگاڭ سوت مەھكىمىسگە ئەرىز سۇنۇپ باغچە رايوندىكى ئۆينىڭ ئۆزىنىڭ نامىدا ئىكەنلىكنى مۇقىملاشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
لوڭگاڭ سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلغاندىن كىيىن باغچە رايوندىكى ئۆينى لى فامىللىكنىڭ ئىنىسنىڭ مۈلكى دەپ قانۇنغا ئاساسەن ھۆكۈم ئېلان قىلغان ھەمدە مەزكۈر ھۆكۈم ئاللىقاچان ئىجرا قىلىنغان.لى خانىم لى فامىللىكنىڭ ئائىلە -مۇناسىۋتى داۋام قىلۋاتقان ۋاقىتتىكى مال-مۈلۈكنى قەستەن يۇشۇرغانلىقنى بايقىغاندىن كىيىن لى فامىللىك تۇرۇشلۇق يەنتىيەن رايونلۇق خەلىق سوت مەھكىمىسگە ئەرىز سۇنۇپ مۇكاپات پۇلى بىلەن باغچە رايوندىكى ئۆينى تەڭ بۆلۈپ بېرشنى تەلەپ قىلغان.
لوڭگاڭ سوت مەھكىمىسى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كىيىن لى فامىللىك ئىنسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆي ھوقۇقى توغرىسدا ساختا ئەرىز سۇنغان دەپ قاراپ قانۇنغا ئاساسەن ئەسلىدىكى داۋاگەر لى خانىمنىڭ ئەرزىنى قۇبۇل قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved