بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بىر ياپونىيە ئەمەلدارى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ زىيادە يېقىنلاشقانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ ،جۇڭگو توردا ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنىشى ۋە سۈرەتلەرنىڭ ياپونىيە جۇڭگو بىلەن سۆزلەشكەن چاغدىكى مەزمۇن بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ،ياپونىيىنىڭ جۇڭگودىن سىن كۆرۈنىشىنى ئۆچۈرۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان .
ئېلىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭغا قاتتىق رەددىيە بەردى .،خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى :‹ جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ چاغدىكى ئىشنىڭ جەريانىنى ۋە نەق مەيداندىكى تەپسىلاتلارنى تەپسىلىي تۇنۇشتۇردى ،شۇنداقلا ئالاقىدار سىن ۋە سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى . بۇنداق پولاتتەك پاكىتقا قارىتا ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنداق گۇمان قىلىشى ناھايىتى بىمەنىلىك شۇنداقلا يولسىزلىق .مەن پەقەت ئۈچ سۆز بىلەن سۈپەتلەيمەن .
ئۇ بولسىمۇ بۇ ناھايىتى نومۇرسىزلىق ،بىمەنىلىك ۋە يولسىزلىق .بىز ياپونىيدىن بارلىق ھەرىكەت ۋە تىل جەھەتتىن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز ›. ياپونىيىنىڭ بىر تەرەپتىن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ ،بىر تەرەپتىن ئاق قارىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىپ ،ئاتالمىش جۇڭگو ھەربىي ئايروپىلانى زىيادە يېقىنلاشتى دەپ كۆپتۈرشىدىكى مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق بۇلۇپ ، تەھدىتنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىپ ،رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلىپ ۋە كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ ،كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . نۆۋەتتە شىنزۇ ئابى ھۆكۈمىتى يەنە ئامال قىلىپ ،بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتپەرۋەر لەر پارتىيىسىگە ۋاھىدلىق قىلىپ ،ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئىزاھاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ياپونىيىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىت قىلدى .
ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى ئاتالمىش ئۈچ تۈرلۈك زۆرۈر شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :ئۈچ تۈرلۈك زۆرۈر يېڭى شەرتنىڭ مەزمۇنى ياپونىيە خەلقىنىڭ ھاياتى ،ئەركىنلىكى ۋە بەختكە ئىنتىلىش ھوقۇقى تۈپتىن تەھدىتكە ئۇچرىغاندا كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى چەكلىمىلىك ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .شۈبھىسىزكى بۇ ئۈچ تۈرلۈك شەرت ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنىڭ بولۇپمۇ ئادالەتپەرۋەر لەر پارتىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ تاپقان باھانىسى ،ئىلگىرى ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەر ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قاراپ كەلگەن ،ئەمما بۇ قېتىم ئادالەتپەرۋەر لەر پارتىيىسىنىڭ لېدىرى ئىلگىركى ئېھتىياتچان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى .
ئۇ قايتا قايتا كېڭىشىش ئارقىلىق ئاۋامنىڭ چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،بىرلىك پوزىتسىيگە كېلىپ كېڭىشىشكە قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، شىنزۇ ئابى تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىپ ،دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىدىن ۋاز كەچكىنى يوق .6-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ يىغىنىدا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق يېڭىچە ئاۋاز بېرىش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ،خەلق ئاۋاز بېرىش يېشىنىڭ ئەسلىدىكى 20 ياشتىن 18 ياشقا تەڭشەلگەنلىكى ،تۆت يىلدىن كېيىن ئىجرا قىلىندىغانلىقى ماقۇللاندى .نۆۋەتتە شىنزۇ ئابى كۈچەۋاتقان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارلامىنېت كېڭەش پالاتالىرىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپرەك ئەزا قوللىشى كېرەك .
ئەگەر پارلامېنت تەكلىپى ماقۇللىنىپ قالسا خەلق ئاۋاز بېرىش باسقۇچىغا كىرىدۇ ،مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى ،يېڭى قانۇنغا بېلەت تاشلاش يېشىنىڭ تەڭشىلىشىدىكى ئەمەلىي مەقسەت بېلەت تاشلىغۇچى ئامما ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەر سانىنىڭ نىسبىتىنى ئازايتىپ ،تارىخى تۇنشى سۇس بولغان تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى بېلەت تاشلاشقا قاتناشتۇرۇش . شىنزۇ ئابىنىڭ مەقسىتى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى تاماملاش ،ئۇنىڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسىغا قارىماي چەكلىمىنى مەجبۇرى بىكار قىلىشقا ئورنىشى ،ياپونىيىدىكى ھەر ساھەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى .
6-ئاينىڭ 12-كۈنى نەچچە ئون مىڭ ياپونىيە ئاممىسى توكيودا قايتا يىغىلىپ ،بۇنىڭغا قارشى تۇردى . 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ياپونىيە يازغۇچىلىرى ئاساسىي قانۇنشۇناسلار قاتارلىق جەمئىيەتتىكى نوپۇزلۇق كىشىلەر قوزغالغان ئۇرۇشقا قارشى مىڭ كىشىلىك كومىتېت توكيودىكى پېگو باغچىسى ۋە پارلامىنېت بىناسى ئالدىدا كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرۇپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى .
ئۇنىڭغا 3000ئامما قوشۇلدى .ئۇرۇشقا قارشى مىڭ كىشىلىك كومىتېتنىڭ باشلامچىسى ،نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئوئېي كېىنزابورو يىغىلىشتا ،شىنزۇ ئابى ياپونىينى ئۇرۇش قوزغىيالايدىغان ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى تۈزۈلمىگە سۆرەپ كىرمەكچى دېدى .قىسمەن يازغۇچىلار مۇنداق دەپ ئەيىبلىدى :‹ئەزەلدىن شىنزۇ ئابىدەك خەلقنى نەزەرگە ئىلمايدىغان ھاكىمىيەتنى ۋە ھاكىمىيەت بېشىنى كۆرمىگەن ئىدۇق ،شىنزۇ ئابىنىڭ مۇشۇ يولى بويىچە مېڭىۋەرسە ياپونىيە قەبىھ ۋە بەتبەشىرە دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ .›.
يىغىلىشنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ مۇنداق دېدى :‹بىز شىنزۇ ئابىغا چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرغان بىر مىليون 750مىڭ كىشىنىڭ ئىمزاسىنى تاپشۇردۇق ، بۇ يىل 22-ئايدا كازاشىما ناھىيىسىنىڭ جەنۇبى شەھىرىدىكى ئالاھىدە ھۇجۇم ئەترىتىنىڭ تىنچلىق سارىيى ئۆزىنى ساقلاپ كەلگەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ كانى كازى ئالاھىدە خادىم ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ۋەسىيەتنامىسى قاتارلىق ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق بۇيۇمنى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى .
6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان تىزىملىككە قارىغاندا كانى كازى ئالاھىدە خادىم ئەترىتىنىڭ ۋەسىيەتنامىسى دۆلەت ئىچىدىكى تاللاشتا چۈشۈپ قالغان .لېكىن ۋەسىيەتبامىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرىشتىن مەھرۇم قالغانلىقى ھەرگىزمۇ ياپونىيىنىڭ ئاقىلانە ئىش قىلغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ياپونىيلىكلەرنىڭ يۆنىلىدىغان ماتىرىيالىدا ئاتالمىش كۆپ خىل بۇلىشى كەمچىل دەپ قارىغانلىقىدا .
ياپونىيە 2015-يىللىق دۇنيا خاتىرە مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشتا تۆت تۈرنى ئوتتۇرىغا قويدى ،لېكىن ب د ت كۆپ بولغاندا بىر دۆلەتنىڭ ئىككى تۈرنىلا تەكشۈرىدۇ ،شۇڭا ياپونىيە مىراسلىرى كومىتېتى تاللاش خىزمىتىنى ئىشلەپ .
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىش ۋەقەسى سۆزلەنگەن ۋەسىيەتنامە قاتارلىق ئىككى تۈرنى شاللىۋەتكەن .ئالاھىدە خادىم ئەترىتىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنىڭ تاللاشتىن چۈشۈپ قالغانلىقى ھەرگىزمۇ ياپونىيىنىڭ ئاقىلانە ئىش كۆرۈپ ،تارىخى سەۋەنلىك ئۈستىدە ئويلانغانلىقىدىن ئەمەس . كانى كازى ئالاھىدە خادىم ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مەغلۇبىيەتتىن خالاس بۇلۇش ئۈچۈن ،بىر ئادەم بىر ئايروپىلان بىر بومبا بىر پاراخوتنى ۋەيران قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن ،ئامېرىكا پاراخوتى قاتارلىقلارغا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىدۇ . بۇ خىل قىلمىش كېيىنكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى ، لېكىن ياپونىيىنىڭ ئىككىنى دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدىكى تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىنى قايتىدىن بېكىتكۈچى ياپونىيە ئوق قانات كۈچلىرى كابى كازى ئالاھىدە خادىم ئەترىتىنى تەشۋىقات قورالى قىلىپ بۇ ئەترەتنىڭ ئەزالىرىنى ساماۋىي پادىشاھقا سادىق قەھرىمانلار دەپ سۈپەتلىدى ،ھەتتا ئالاھىدە خادىم ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ۋەسىيەتنامىسى دەرسلىككە كىرگۈزۈلدى ،بۇ يىل 2-ئايدا كاەوشىما ناھىسيىنىڭ جەنۇبىي شەھەر رايونىنىڭ چېگرا خادىم ئەترىتىنىڭ تەپتاتماستىن ئالاھىدە خادىم ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى دۇنيا خاتىرە مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشىدىن كېيىن ياپونىيىنىڭ ئالاھىدە خادىم ئەترىتى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش سەتچىلىكى بىلەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن . ئېلىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 2-ئايدىلا كانى كازى ئالاھىدە خادىم ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى دۇنيا خاتىرە مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ياپونىيە مىللىتارىسلىرىنىڭ سولچىللىقىنى پەردازلىغانلىقى دېگەن . ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ،ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلغانلىق ،بۇ شەك شۈبھىسىزكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشى ۋە قەتئىي قارشى تۇرشىغا ئۇچرايدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved