سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى 30-يانۋار موسكۋادا مۇنداق دېدى: سۈرىيە ھۆكۈمىتى كېيىنكى قېتىم موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ۋەكىلىنىڭ كېڭىشىشكە قاتنىشىشقا ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ قويدى. سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە مۇنداق دېدى: سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىرەسمىي كېڭىشىشكە يۇقىرى باھا بىرىدۇ، ھەمدە كېڭىشىش سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، سۈرىيە كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا شارائىت يارىتىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ. سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىلى يېقىندا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-قېتىملىق بىرەسمىي كېڭىشىشكە قاتناشماقچى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved