نەسىھەتكە قۇلاق سالماي ئايروپىلاندا تېلېفۇن بەرگەن يولۇچى بەش كۈن توختىتىپ قويۇلدى

        بىر ساياھەتچى يېقىندا باڭكوكدىن خاربىنغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاندا نەسىھەتكە قۇلاق سالماي تېلېفۇن قىلىپ «پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى خىلاپلىق قىلغانلىقتىن مەمۇرىي جەھەتتىن بەش كۈن توختىتىپ قويۇلغان.

  31-يانۋار، باڭكوك ـــ خاربىنغا ئۇچىدىغان CZ8424 نومۇر نۆۋەتچى ئايروپىلان تۆۋەنلەپ قونماقچى بولغاندا، سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئەتراپىدا، بىر ئايال يولۇچى تۇيۇقسىز تېلېفۇن قىلىشنى باشلىغان، ئايرۇپىلاندا كۆچمە تېلېفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغاچقا، بولۇپمۇ ئايروپىلاننىڭ قونۇش ھالقىلىق باسقۇچتا، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتسە بىۋاسىتە ئايروپىلاندىكى يول باشلاش ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە، ئايرۇپىلان ئۇچۇش مەشغۇلاتلىرىغا، پۈتكۈل ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان ئايروپىلان ساقچىلىرى ئۇنىڭ تېلېفونى ئېتىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، بۇ يولۇچى نەسىھەتنى ئاڭلىماي داۋاملىق سۆزلەشكەن، ھەم پوزىتسيەسى قوپال بولغان. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان دەرھال يەر ئۈستى ئايرودرومى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئايروپىلان خاربىندا قونغاندا، ئايرودروم جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خادىملىرى جىنايى ئىشلارغا چېتىشلىق يولۇچىنى ئايروپىلاندىن ئېلىپ چۈشكەن، ھەم ئايروپىلان خادىملىرى ۋە باشقا يولۇچىلاردىن ئەھۋال ئېگەللەپ دەلىل-ئىسپات ئالغان. ئايرودروم جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يولۇچى«پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى»، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، بەش كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
04-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek