مىسىردىكى بىر سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى قوماندانلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەد بادىيە قاتارلىق 15 كىشىگە ئۆمۈرلۈك نەزەربەند قىلىش ھۆكمى ئېلان قىلدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ سوت مەھكىمىسى بۇ 15 كىشىگە ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىكى ئارمىيە زۇڭتۇڭ مۇرسىنىڭ ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، پايتەخت قاھىرەدە زوراۋانلىققا قۇترىتىپ، خادىملارنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشى ھەمدە مال-مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆمۈرلۈك نەزەربەند قىلىش ھۆكۈمىتى چىقارغان.
بادىيە بۇ يىل 6-ئايدا باشقا بىر دېلودا مىسىر مىنيا ئۆلكىلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ دېلودا بادىيە ئۆتكەن يىلىدىكى نامايىشتا زوراۋانلىق قىلىش، ئوت قويۇش، ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن دەپ شىكايەت قىلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved