جامىس رودىرگىرىس ئۈچ سەكرەپ ئىلگىرىلىدى

ئىسپانىيەدىكى «خانلىق مادرىد» كۇلۇبى 22- ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ «موناكو» كۇلۇبىدا توپ ئوينايدىغان جامىس رودىرگىرىسنىڭ «خانلىق مادرىد» كوماندىسىغا ئەزا بولغانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە «خانلىق مادرىد» كۇلۇبى جامىس رودىرگىرىس ئۈچۈن قانچىلىك كوماندا ئالمىشىش ھەققى تۆلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىسپانىيەدىكى «ماكا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «خانلىق مادرىد» كۇلۇبى جامىس رودىرگىرىس ئۈچۈن «موناكو» كۇلۇبىغا 80 مىليون ياۋرو تۆلىگەن، بۇنىڭ بىلەن جامىس رودىرگىرىس «خانلىق مادرىد» كۇلۇبى تارىخىدىكى كوماندا ئالمىشىش ھەققى 3- يۇقىرى ماھىر بولۇپ قالغان.
جامىس رودىرگىرىس 1991- يىلى 12- ئىيۇل كولومبىيەدىكى كۇكۇتادا تۇغۇلغان، ئۈچ ياش ۋاقتىدا دادىسى ۋىلسون ئۇلارنى تاشلاپ كەتكەچكە، ئاپىسى پىلار رۇبىئو ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇ پۇتبولچى تاغىسى ئارلىي رودىرگىرىسنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن پۇتبولغا ئىشتىياق باغلىغان، 2005- يىلى كولومبىيەنىڭ «ئىنۋىگادو» كوماندىسىغا، 2008- يىلى 280 مىڭ ياۋرولۇق كوماندا ئالمىشىش ھەققى بىلەن ئارگېنتىنانىڭ «بانفىلد» كوماندىسىغا، 2010- يىلى 5 مىليون 100 مىڭ ياۋرولۇق كوماندا ئالمىشىش ھەققى بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ «پورتو» كوماندىسىغا ئەزا بولغان. 2010- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلدا «پورتو» كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 105 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 32 توپ كىرگۈزگەن، 2013- يىلى 45 مىليون ياۋرولۇق كوماندا ئالمىشىش ھەققى بىلەن فىرانسىيەنىڭ «موناكو» كوماندىسىغا ئەزا بولغان. «موناكو» كوماندىسىغا ئەزا بولغان بىر يىلدا كوماندىغا ۋاكالىتەن 38 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 10 توپ كىرگۈزگەن.
بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كولومبىيە كوماندىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشىگە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ھەم ئالتە توپ كىرگۈزۈپ، «ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن، «خانلىق مادرىد» بىلەن «بارسېلونا» كۇلۇبى ئۇنى تالاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ «خانلىق مادرىد» كوماندىسىدا توپ ئويناش ئارزۇسى بولغاچقا، «بارسېلونا» كۇلۇبىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، «خانلىق مادرىد» كوماندىسىغا ئەزا بولدى. ئۇ 2010- يىلى رەسمىي نام چىقىرىشقا باشلاپ «خانلىق مادرىد» كوماندىسىغا ئەزا بولغانغا قەدەر، ئۇنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 16 ھەسسە ئاشتى.



خەتكۈچلەر:
25-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
   ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئىتالىيە بىرلەشمىسى كېلەركى مۇسابىقە پەسىلىدىن باشلاپ سىن لېنتىسىنى قايتا قويۇش ئارقىلىق رېپېرنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا قارار چىقىرىشنى سىناق تەر...
17-04-2016
ئىسپانىيە تاراتقۇسى: رونالدو دائىم نۇقتا توپقا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئۇ بەك شەخسىيەتچى!     پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئېھتىمال گېرمانىيەدىكى بۆرە قەلئەسى كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە قالپاق ئۇيۇنى...
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
Powered by Leglek