2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتىۋالدى.
2016-يىلى يىتىپ كېلىش ھارپىسىدا، سۇنىڭ ئاخىرى ھەرىكەتكە كەلدى، خاڭجۇ لۈچېڭنىڭ قاپقىچىسى گۇچاۋ نەنجىڭدا بەدەن تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ رەسمى قوشۇلدى. گۇچاۋ بەش يىللىق جۇڭگو بىرلەشمىسى تەجىربىسىگە ئىگە، ئالدىنقى پەسىلدە خەتەرلىك توپنى توسىۋېلىش سانى تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنداتۇرغان. گۇچاۋ سۇنىڭ بىلەن بەش يىللىق توختام تۈزدى، ئىگەللىنىشىچە يۆتكىلىش ھەققى 50 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
شۇندىن كېيىن، سۇنىڭ توپچى يۆتكەش نىشانىنى چەتئەللىك توپچىغا قاراتتى. بىراق سۇنىڭ كۆز تىككەن گېرۋىنھو ۋە گۇارىننى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خېبىي خۇاشىيا ۋە شاڭخەي شېنخۇا تارتىۋالدى، ئادىرىيانو بىلەن بولغان سودا كۆپۈككە ئايلاندى.
سۇنىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىككى نەپەر چەتئەللىك توپچىنى سېتىۋالدى. شۇ كۈنى كەچتە گوللاندىيە زىۋول كۇلۇبى بىلەن كېلىشىپ، ئاۋىستىرالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا بېكى ترېنىت (Trent Sainsbury) نى رەسمى قوشىۋالدى، توختام مۇددىتى ئۈچ يىل. ئىگەللىنىشىچە، ترېنىتنىڭ يۆتكىلىش باھاسى 5.50 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن.
1-ئاينىڭ 27-كۈنى يېرىم كېچىدە، چېلسى توپچىسى رامىلىس 28 مىليون ياۋرو باھادا سۇنىڭغا قوشۇلدى، توختام مۇددىتى تۆت يىل.
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، سۇنىڭ ۋە دونسېك كان ئىشچىلىرى كۇلۇبى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ برازىلىيەلىك توپچى تېشىرانىڭ 50 مىليون ياۋرو باھادا سۇنىڭغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، توختام مۇددىتى تۆت يىل. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا تۆت نەپەر توپچى كىرگۈزدى، 90.30 مىليون ياۋرو پۇل خەجلىدى، خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىساق تەخمىنەن 664 مىليون يۈەنگە توغرا كېلىدۇ.
ئالدىنقى پەسىلدىكى چەتئەللىك توپچىلار ئىچىدە، ئوتېسېن، كارتانسېن، كونىستانتىن، ئېلېيىلسون كوماندىدىن ئايرىلىشنى ئېلان قىلدى، سامىر، ئېسكۇدېرونىڭ كەلگۈسى ئېنىق ئەمەس. سۇنىڭ ھازىر بەش نەپەر چەتئەللىك توپچىغا ئىگە، سامىر ۋە ئېسكۇدېرودىن زادى كىمنىڭ قېلىپ قېلىشى تېخى ئېنىق ئەمەس. ناۋادا سۇنىڭ يەنە چەتئەللىك توپچى كىرگۈزۈپ قالسا، ئۇنداقتا ھۇجۇمسىمان توپچى كىرگۈزىشى مۇمكىن، دەرىجىسى تېشىرا ۋە رامىلىستىن تۆۋەن تۇرمايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved