بۇ قىز خېفېيدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا كومپيۇتېرى بۇزۇلۇپ قېلىپ، كومپيۇتېرىنى بەيناۋخۇيدىكى بىر كومپيۇتېر رېمونت قىلىش ئورنىدا رېمونت قىلدۇرغان. ئويلىمىغان يەردىن بىر نەچچە كۈندىن ئۆتكەندىن كېيىن، قىزچاق ئۆزىنىڭ QQ بوشلۇقىدىكى دوستلار چەمبىرىكى ۋە بىر قانچە QQ توپىغا، ئۆزنىڭ QQ سى ئارقىلىق بىر قانچە پارچە مەخپىي سۈرىتىنىڭ يوللانغانلىقىنى تۇيۇقسىز بايقاپ قالغان، يەنە تېخى سۈرەتكە ماسلاشتۇرۇپ، «خانقىزغا ئوخشايدۇ» دەپ يېزىپ قويۇلغان ئىكەن.
نومۇسقا چىدىماي قاتتىق غەزەپلەنگەن قىزچاق بۇ ئىشنى كومپيۇتېر رېمونت قىلغۇچى قىلغان دەپ گۇمان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بېرىپ رېمونتچىدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇقماقچى بولغان. لېكىن رېمونتچى دۇدۇقلاپ ھېچنېمە دېمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئامالسىز ساقچىىغا مەلۇم قىلغان. ۋۇخۇ يولى ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئىشنى ھەقىقەتەن رېمونتچىنىڭ قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان. رېمونتچىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ قىزچاقنىڭ كومپيۇتېرىنى رېمونت قىلىش جەريانىدا، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە مەخپىي سۈرىتىنى كۆرۈپ قېلىپ، تارتىلغان سۈرەت راستىنلا خانقىزنىڭ سۈرىتىگە ئوخشايدىكەن دەپ قاراپ، ئىچى پۇشىقىدا ئۇ قىزچاقنىڭ QQ سى ئارقىلىق تورغا يوللىۋەتكەن.
مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، قىزچاق رېمونتچىنىڭ ناماقۇل بولۇشى ۋە تۆلەم تۆلىشىنى قوبۇل قىلىشقا رازى بولغان، رېمونتچىنىڭ 300 يۈەن تۆلىمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قىزچاق بىلەن رېمونتچى قول ئېلىشىپ يارىشىپ قالغان، ھەمدە ساقچى تەرەپ رېمونتچىنىڭ قىلمىشىغا قارىتا قاتتىق تەنقىدىي تەربىيە بەرگەن.
ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى:
شەخسىي كومپيۇتېرنى ئادەتتە ئوبدان ساقلاش كېرەك، ئەگەر رېمونت قىلىشقا ئاپارماقچى بولسا، ئىمكانقەدەر شەخسىي سۈرەت قاتارلىق ماتېرىياللارنى يوشۇرۇپ قويۇش ياكى مەخپىي نومۇر سېلىپ قويۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رېمونتچى خادىملارمۇ كەسپىي ئەخلاققا بويسۇنۇشى، خېرىدارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى خالىغانچە كۆرمەسلىكى، ھەرگىز سرتقا ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved