ساقچى خادىملىرى بىلەن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بوۋاقنىڭ جەسىتىنى «تالاشتى»

       2016-يىلى 25-يانۋار مەلۇم تورداشنىڭ ئېلان قىلغان يازمىسىدا دېيىلىشىچە، جياڭسۇ دەنياڭ شەھىرىدە ئۈچ ياشلىق بوۋاققا جيېپەي بازىرى دوختۇرخانىسىدا ئاسما ئوكۇل ئۇرغاندىن كېيىن ئۆلۈپ قالغان. يازمىغا يەنە فىلىم قىستۇرۇلغان بولۇپ، دېيىلىشچە ئالاھىدە ساقچى خادىملىرى بوۋاقنىڭ جەسىتىنى تالىشىپ دادىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان. دەنياڭ شەھەرلىك سەھىيە مەركىزىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، بۇ بوۋاق كاناي ياللۇغى سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان بولۇپ، تېرىگە ئوكۇل سىنىقى قىلغاندىن كېيىن ئوكۇل ماسلاشماي، ئاقىۋەتتە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزگەن. دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈلۈشىچە رېئاكسىيە خاراكتېرلىك شوك ئالامىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، دەنياڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى باياناتىدا «بوۋاقنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، پاكىتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن بوۋاقنىڭ جەسىتىنى ۋاقتىنچە دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا ساقلاپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، بىراق جەسەتنى يۆتكەشكە تەييارلىنىۋاتقاندا ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان» دېگەن.

         فىلىم باشلىنىشى بىلەن، ئىككى ئائىلە-تاۋابىئاتى يىغا-زار قىلغىنىچە بوۋاققا كىيىم كىيدۈرۈۋاتقان بولۇپ، كېسەل ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى بىر قانچە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى توسۇۋالغان. بۇ چاغدا، سىرتتىن «ئالاھىدە ۋەزىپىلىك ساقچى» فورمىسى كىيگەن ساقچى خادىملىرى كىرىپ كەلگەن ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ توسۇۋېلىشىغا قارىماي كېسەل ئۆيىگە بۆسۈپ كىرگەن. فىلىمدە كۆرۈنىشىچە ئالاھىدە ۋەزىپىلىك ساقچى خادىملار ناسىلكا كۆتۈرۈپ كىرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىككە تەرەپ ئارىسىدا جىسمانىي ئۇچرىشىش بولغان. باياناتتا دېيىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8:00 دە، بوۋاقنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى جيېپەي دوختۇرخانىسىنىڭ قوروسىدىلا گۈل چەمبىرەك تىزىپ، قەرغەز پۇل كۆيدۈرۈپ مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ نورمال تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغاچقا ساقچى تەرەپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغان. ئارقىدىن، ساقچى تەرەپنىڭ ئىدىيە خىزمىتى نەتىجىسىدە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ جەسەتنى دەپبە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا يۆتكىگەن.

    دەنياڭ شەھەرلىك سەھىيە مەركىزىنىڭ ئورگان نومۇرىدا بايانات ئېلان قىلىشىچە «ئۆلگەن بوۋاق شاۋساۋ بۇ يىل ئۈچ ياشقا كىرگەن بولۇپ، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:08 لەردە جيېپەي بازىرى دوختۇرخانىسىىدا تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن «كاناي ياللۇغى» كىلىنلىكىلىق دىئاگنوزى قويۇلغان. ئارقىدىن تېرىگە ئوكۇل سىنىقى قىلغاندىن كېيىن ئوكۇل ماسلاشماي، ئاقىۋەتتە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزگەن» دېيىلگەن.

     باياناتتا دېيىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر دوختۇرخانا بىرىنچى بولۇپ يۇقىرى ئورۇنلارغا ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلىپ، دوختۇرخانا ئىچىدە مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلغان. باياناتتا يەنە «شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت قانۇنىغا ئاساسەن، بۇ قېتىملىق داۋالاش ماجراسى خەلق مۇرەئەسسە ئاپپاراتلىرى ياكى سوت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىدۇ» دېيىلگەن، ھازىرچە بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.



خەتكۈچلەر:
26-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    يېقىندا ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى 28 ياشلىق بىر ئەر ئون كۈندە سەككىز ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقتىن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قامالدى. Mehdi Midani ئالدىنقى يىلى 10-ئايدىكى ئون كۈندە، دائىم كېچىدە ئۆيىگە قايتىۋاتقان ئايا...
27-04-2016
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ساقچىلار ھەربىي ئارمىيە 1-قىسىم ئالار شەھىرى ساقچى ئىدارىسى توقاي يېزىلىق ساقچىخانا 4-ئەترىتىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يەر تەكلىماكاننىڭ شىمالىي قىسمى. 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، بۇ رەسىم  ھەربىي ئارمىيە 1-قىسىم ئال...
27-04-2016
    تەيۋەن ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 40 ياشلىق ھوللىۋود داڭلىق ئايال چولپىنى ئەنجىلىنا جۇلى يېقىندا ساغلاملىق مەسىلىسى بىلەن باش بەتكە چىققان. ئۇ 25-ئاپرېل لوندوندا كەچلىك غىزادا بولغان بولۇپ، كۈلرەڭ ناكىدكا بىلەن پۈتۈن...
27-04-2016
     ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 26 ياشلىق فىنلاندىيەلىك قىز جاسمىن بىرىتنىڭ قول-پۇتى پالەچ بولغاچقا ماڭالمايدىكەن، ئۇ ئۆزىنى باربى مەلىكىلىرىدەك ياساشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، ...
27-04-2016
     شيەنياڭ يىماۋ مەيدانىدىكى بىر تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ دۇكاندارى يانفونىنى ئىشلەتمەكچى بولۇپ قارىسا، iPhone 6 سى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. كۆرگۈنى كەينىگە ياندۇرۇپ كۆرۈپ، يانفوننى بىر كىچىك قىزنىڭ ئوغرىلىغانل...
27-04-2016
    ناخشىچى ماۋ نىڭ 26-ئاپرېل كەچتە مىكرو بلوگىغا ئۆزىنىڭ پائالىيەتكە قاتناشقان رەسىملىرىنى چىقارغان، رەسىمدە ئۇ قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ، رەڭگى-روھى خېلى ياخشىدەك كۆرۈنەتتى. بۇ ئۇنىڭ بۇلتۇر نويابىردا زە...
27-04-2016
     فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 26-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 26-ئاپرېل 28 ياش ئانا ئوغو (Aurore Baumgartner) ئۈستىكى سوئىن (Haute-Saône) ئۆلكىلىك ئېغىر جىنايەت سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىن...
27-04-2016
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ماشىنا ئادەملەرنى ئادەملەرنىڭ ئورنىغا دەسستىش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان خەۋەرلەر تارقالماقتا. تۈنۈگۈن، گۇاڭجۇدىكى ئىككى ئاشخانىنىڭ خوجايىنى غەلىتە خىيالغا كېلىپ قالدى يەنى مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئورنىغا م...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا، جىنەن چاڭچىڭ ئۇنىۋېرستېت شەھەرچىسى شەندۇڭ بىرلەشمە ئۇنىۋېرستېت ئىشىكى ئالدىدا قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 20 ياشلار ئەتراپىدىكى يىگىت بىر قانچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بى...
27-04-2016
    يېقىندا 128 يىللىق تارىخقا ئىگە شىۋېتسارىيە ئالىي دەرىجىلىك قول سائىتى، شىۋېتسارىيە رومېر سائىتى (ROAMER)، داڭلىق سەنئەتكار جېڭ جىيايىڭنى داۋاملىق تۈردە 2016-يىللىق جۇڭگو رايونىدىكى ئوبراز ۋاكالەتچىسى قىلىپ بېكىتكەنلىك...
Powered by Leglek