ئۇنۋىرسال خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 4-ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتە خاربىن شەھرى شاڭخې ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىنادا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ، نەخ مەيداندا كۆپلىگەن كىشىلەر يارلانغان ، قىسمەن بىنالار زىيانغا ئۇچرىغان .
نۆۋەتتە نەخ مەيداندا قۇتقۇزۇش ھەركىتى جىددى داۋاملاشماقتا . كونكىرىت ئەھۋاللار ھۆكىمەت تەرەپنىڭ ئىپادە بىلدۈرشىنى كۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ .
جوڭگۇ خەۋەر تورىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا ، نەخ مەيداندا ئۈچ ئادەم يارلانغان ، بىر ئادەم ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان ، نەخ مەيداندىكى كۆرگۈچلەرنىڭ ئېيتىشىچە پارتىلاش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بىنانىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىشىكى پارتىلاش تەسىرىدىن نەچچە مىتىر يىراقلىققا ئۇچۇپ كەتكەن .
كۆپلىگەن ئائىلىلكلەرنىڭ ئىشىك دەرىزىلىرى چېقىلغان ، بۇندىن باشقا نەخ مەيداننىڭ ھەممە يېرىدە ئەينەك پارچىلىرىنىڭ چېچىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ
يەنە بىر كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئەينى ۋاقىتتا پەقەت قاتتىق كۈچلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىغان ، ھەمدە يەرنىڭ قاتتىق تەۋرەپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلغان ، ئارقىدىن بىرەيلەننىڭ دېرىزىدىن سىرىتقا ئۆزىنى ئاتقانلىقىنى كۆرگەن .ۋەقە سەۋەبى ھازىر تەكشۈرۈلۋاتىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى ::LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved