6-نۆۋەتلىك ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبىتى ئاۋستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادا ئۆتكۈزۈلدى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ئىراننىڭ سۆھبەت ۋەكىلى بىلەن 3-ئىيۇل ئىككى كۈنلۈك يۇقىرى دەرىجىلىك يېپىق كېڭىشىشنى ئورۇنلىدى.
نۆۋەتتە ئەلتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇشنى ئازايتىش قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەردە يەنىلا ئىختىلاپ ساقلاندى، بىراق 20-ئىيۇل توشىدىغان ئاخىرقى مۇددەتتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم سۆھبىتىنى ئورۇنلاپ بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگونىڭ سۆھبەت ۋەكىلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چۈن مۇنداق دېدى: ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتتە دائىم قىيىنچىلىق، خىرىس ئەڭ چوڭ بولۇپ، قارشىلىشىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved