2015-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، گۇاڭجۇ شەھىرى. ‹‹قوش 12›› ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن، گۇاڭجۇ خەيجۇ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ ئەپەندى توردا ئەرزان باھالىق ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىپ، چېڭدۇغا كېسەل كۆرسەتمەكچى بولغان ھەمدە بېلەت زاكاز قىلىش شىركىتىنىڭ مەشغۇلات كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن قارشى تەرەپكە پۇل ئۇرۇپ بەرگەن. ئەسلىدە 400 نەچچە يۈەنلىك ئايروپىلان بېلىتى ئۈچۈن، ئۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، قارشى تەرەپكە 260 مىڭ يۈەن ئۇرۇپ بەرگەن. سۈرەتتە: جاڭ ئەپەندى يېزا-ئىگىلىك بانكىسىدىن قارشى تەرەپكە 260 مىڭ يۈەن ئۇرۇپ بەرگەنلىك ئىسپاتىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇنىڭ ئەمدى چېڭدۇغا بېرىپ ئاق كېسىلىنى داۋالاتقۇدەك پۇل قالمىغان.
جاڭ ئەپەندى خەيجۇ رايونىدا بىر كىچىك كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچىدىغان بولۇپ، يېقىندا ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن، چېڭدۇدىكى بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتمەكچى بولغان. بۇ ۋاقىت دەل ‹‹قوش 12›› ئەرزان باھادا سېتىش پائالىيەت ۋاقتى بولغاچقا ئۇ يانفونى ئارقىلىق بىر ئايروپىلان بېلىتى سېتىش شىركىتىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تاپقان. جاڭ ئەپەندىمنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، تېلېفون نومۇرى 400 بىلەن باشلانغان بولغاچقا، ئۇ ھېچقانداق گۇمانلانمىغان. قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بېلەت زاكاز قىلىپ بەرگەن ھەمدە ھېسابات نومۇرىنى بەرگەن. ئارقىدىن جاڭ ئەپەندى بىر بانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئارقىلىق پۇل يۆتكىگەن. جاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جەرياندا جاڭ ئەپەندى ئىزچىل قارشى تەرەپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ تۇرغان ھەمدە قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا قانداق مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگىتىپ، توختىماي ئۇنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا دەخلى قىلغان. ئەسلىدە باھاسى 400 يۈەن بولغان ئايروپىلان بېلىتى ئۈچۈن، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن 4000 يۈەن ئۇرۇۋەتكەن، ئارقىدىن يەنە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئۇرۇپ بەرگەن.
جاڭ ئەپەندى ناھايىتى جىددىيلىشىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، قارشى تەرەپ ئۇنى ئازدۇرۇپ، ئەگەر بانكا ھېساباتىنى پېچەتلىۋەتسە پۇلنى تېخىمۇ قايتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئارقىدىن جاڭ ئەپەندى ئۆيىگە كېلىپ، كومپيۇتېر ئارقىلىق سودا خاتىرىسىنى تەكشۈرگەن. بۇ ۋاقىتتا، قارشى تەرەپ ئەگەر پۇلنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن كارتىنى قۇرۇقداپ، پۇلنى باشقا بىر كارتىغا يۆتكىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ نەچچە قېتىم تور بانكىسى ئارقىلىق پۇلنى باشقا بىر كارتىغا يۆتكىمەكچى بولغان بولسىمۇ ئۇتۇقلۇق بولمىغان. بۇ ۋاقىتتا قارشى تەرەپ ياخشى كۆڭلى بىلەن ئۇنىڭغا ‹‹باشقا كارتا›› نومۇرىنى بەرگەن. كۈتۈلمىگەندە، جاڭ ئەپەندىنىڭ مەشغۇلاتى بىر قېتىمدىلا ئۇتۇقلۇق بولۇپ، 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قارشى تەرەپنىڭ كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.
جاڭ ئەپەندى ئالدى كەينى بولۇپ 3022-692-400 نومۇرلۇق بۇ تېلېفونغا يەتتە قېتىم تېلېفون ئۇرغان بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر سائەت پاراڭلاشقان. ئۇ ھاماقەتلىك بىلەن 260 مىڭ يۈەن پۇلنى قارشى تەرەپكە يۆتكەپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ تېلېفوننى قايتا ئالغىلى بولمىغان ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ تور بېكىتىمۇ سىرلىق غايىب بولغان. جاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ نەچچە يىللىق يىغقان پۇل يوق بولغان بولۇپ، ئۆي ئىجارىسىنىمۇ تاپشۇرالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. شۇ كۈنى ئۇ خەيجۇ رايونلۇق ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغان ھەمدە يېزا-ئىگىلىك بانكىسىدىن قارشى تەرەپنىڭ ھېسابات ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن. بىراق، بانكىنىڭ ئېيتىشىچە، قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىدىكى پۇل ئاللىقاچان يۆتكەپ كېتىلگەن. نۆۋەتتە بۇ دېلو تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved