تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل كارخان تەرەققىياتىنى قوللاش ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ،شىنجاڭلىقلارنى قۇبۇل قىلغان كارخانىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قۇيۇپ ،كۈتىنىش سۇغۇرتىسى ،داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ،ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە تەربىيىلەش جەھەتتە ياردەم بېرىدۇ .
ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا ،چەكلىمە خاراكتېرلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ،يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەر ئىچىدە شىنجاڭلىق ئىشچىلار نىسبىتى 70%تىن تۆۋەن بولماسلىق ،بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر نىسبىتى 30%تىن بولماسلىق ،ئاپتونوم رايونىمىزدا رويخەتكە ئالدۇرغان ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ۋە قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئالغان كارخانىلار يېڭىدىن قۇبۇل قىلغان خىزمەتچىلەر ئىچىدە شىنجاڭلىق خىزمەتچىلەر 50%تىن تۆۋەن بولماسلىق توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردى .
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە قۇرۇلغان جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ قۇرغان كارخانا -شىنجاڭ لىچىياڭ پاي چەكلىك شىركىتىدە ،يەرلىك ئىشچىلارنىڭ نىسبىتى 75%كە يەتتى .مۇخبىر زىيارەت قىلغاندا خىزمەتچى مۇنداق دېدى :‹شىركەت بىزنى ئىككى ئايلىق تەربىيىلىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى ،تەربىيىلەش تۈگىگەندىن كېيىن بىۋاستە ئىشقا چۈشىمىز ،ھازىر مۇئاشىم بىلەن ئۆيدىكىلەرنى باقالايمەن ›.
تەربىيىلەنگەندىن كېيىنكىلەرنى قوشقاندا يەرلىك ئىشچىلار 90%ئىگىلەيدۇ ،ئەگەر بىر ئىشچى تەربىيىلەنسە ،ھۆكۈمەت مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بېرىدۇ ، بۇنىڭ كارخانا تەرەققىياتىغا زور ياردىمى بولىدۇ .ئېتىبار سىياسەتتە شىنجاڭلىق خىزمەتچىلەرنى قۇبۇل قىلغان كارخانىلارغا ئۈچ يىلغىچە ،ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتا ياردەم پۇلىنىڭ 50%نى بېرىش ،ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەرنى قۇبۇل قىلغانلارغا ئۈچ يىلغىچە ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسى ،داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى بېرىش تەربىيىلەش ياردەم پۇلى ،قەرز ئۆسۈمى ھەمدە باج قاتارلىقلارغا ئېتىبار بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەندى .كارخانا تەرەققىياتىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ ،كارخانا تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ ،ھازىرقى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ . ئىگىلىنىشچە ،ئاپتونوم رايونىمىزدا نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى ئېغىر بۇلۇپ ،ئىشقا ئورۇنلاشقان 50%ئامما بىرىنچى كەسىپكە مەركەزلەشكەن ،مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلدىن 2020-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىز يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن شەھەر بازارلاردىكى 600نەچچە مىڭ كىشىنى ، يېزىلاردىكى 3 مىليونغا يېقىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved