كىنىيە پايتەختىدە پارتلاش يۈز بەردى

كىنىيە پايتەختى نايروبىدا 16–ماي پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، كەم دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلدى ، 70 تىن كۆپرەك ئادەم يارىلاندى .


ۋەقە يۈز بەرگەن جاي نايروبىنىڭ مەركىزىي سودا رايونىغا يېقىن ئىكەن . كىنىيە دۆلەتلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، بىرىنچى قېتىملىق پارتلاش كىچىك تىپتىكى مىنبۇسنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن ، ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاش جيۇكومبا بازىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر دۇكاندا يۈز بەرگەن .


دوختۇرخانا تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن 70 نەچچە يارىدار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ، كۆپ قىسىمىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن . نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا يەنە ئىككى ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتكەن .


نايروبى ساقچى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، جەمئىي ئىككى بومبا پارتلىغان . ئۇ يەنە ئاممىنىڭ بەك جىددىيلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن : ‹‹ئالاقىزادە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، ھەممە بىزنىڭ كونتروللىقىمىزدا›› دېگەن . ساقچى تەرەپ ئىككى نەپەر گۇمانلىق ئادەمنى تۇتقان .


كىنىيە ئافرىقا ئىتتىپاقى سومالى ياشلار پارتىيەسىنى تازىلاش ھەرىكىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقاچقا ، ‹‹بازا تەشكىلاتى›› بىلەن ئالاقىسى بولغان ياشلار پارتىيەسى بۇلتۇر سېنتەبىردە نايروبىنىڭ غەربىي دەرۋازىسىدىكى مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاپ ، نەچچە ئون ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا يەنە ئىككى ئاپتوبۇسنى پارتلىتىپ ، ئۈچ ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ، 86 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ، مومباسادا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 4 ئادەم قازا قىلغان . بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسىمۇ سومالى ياشلار پارتىيەسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن .


كىنىيە ۋەزىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىققا نىسبەتەن ، ئەنگلىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كىنىيەدىكى خەتەرلىك جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.



خەتكۈچلەر:
20-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek