ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىدانى خانلىق مادرىد بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولۇشتىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ يۇقىرى مائاشلىق تەكلىپىنى رەت قىلغان ئىكەن. مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى زىدانى مادرىد بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللىقىغا تەيىللەندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، زىدانىنىڭ مائاشى 2 مىلىيون 500 مىڭ ياۋرو ئىكەن بولۇپ، بۇ ئالدىنقى مەشقاۋۇل بېنىتېزنىڭ مائاشىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىكەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى زىدانىنى سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشمىسىدىكى بىر كۇلۇب يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلغان. ماركا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كۇلۇب زىدانىغا 13 مىلىيون ياۋرو مائاش بەرمەكچى بولغان، بىراق مادرىدقا مۇھەببىتى كۈچلۈك بولغان زىدانى ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved