ئامېرىكا «نىيۇيورك كۈندىلىك ئاخبارات گېزىتى»نىڭ 4-دېكابر خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرلىقىمۇ 2-دېكابىر سانلىق-مەلۇمات ئېلان قىلىپ، 2015-يىللىق دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش پىلانىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، 2015-يىللىق GDP قىممىتى %0.8 كېمىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، 2015-يىللىق ئەسلىدىكى GDP قىممىتى %1.2 ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا خەۋەر قىلىپ، بۇ رۇسىيىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ، دېدى.
پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى قوشۇلۇپ، رۇسىيە ئىقتىسادى ناھايىتى زور بېسىمغا دۇچ كەلدى، 2014-يىلى كىرگەندىن بۇيان رۇبلى قىممىتى %40 چۈشۈپ بارغانسېرى پاخاللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. رۇسىيە مالىيە مىنىستىرى ئانتون سىلۇئانوۋ (Anton Siluanov) مۇنداق دېدى، بىز ئېلان قىلغان سانلىق-مەلۇمات پەقەت دەسلەپكى پىلان، بىز كەلگۈسىدە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يەنە تۈزىتىش كىرگۈزىمىز.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved