ياپونىيە خەۋەر تورىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ياپونىيەدىكى ھەر قايسى تۈرلۈك ماللار شىركىتى ۋە ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى توپ تارقىتىش تاللا بازارلىرى يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى «تەلەي خالتىسى» سېتىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، بۇنى كىشىلەرنىڭ يىلدا بىر قېتىملىق ئەڭ تالىشىپ سېتىۋالىدىغان مالغا ئايلاندۇرۇغان.
توكيو Ginza دىكى بىر تۈرلۈك ماللار شىركىتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى دۇكاننى ئېچىشتىن بۇرۇن ئىشىك ئالدىدا ئۆچرەت تۇرغان كىشىنىڭ سانى ئالتە مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. دۇكاننى ئېچىپ بىر سائەت ئىچىدە، كىيىم-كېچەك تۈرىدىكى «تەلەي خالتىسى» پۈتۈنلەي سېتىلىپ تۈگىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر «تەلەي خالتىسى» بولسا ئىچىدە ئالتە بوتۇلكا فىرانسىيە ئالىي ھارىقى بار بولغان خالتا بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 520 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولغان. بۇ 15 مىنۇت ئىچىدە سېتىلىپ بولغان. بۇ تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى تىجارەت سوممىسى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن 10% يۇقىرى بولغان. رەسىمدە، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، توكيو Ikebukuro، ئېستىمالچىلار «تەلەي خالتىسى»نى تالىشىپ سېتىۋالماقتا.
1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، توكيو Ginza دىكى بىر تۈرلۈك ماللار دۇكىنىدا ئۆچرەت تۇرۇپ «تەلەي خالتىسى» سېتىۋالغانلارنىڭ سانى يەتتە مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىلا يەردە بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تەيۋەن-شىياڭگاڭدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مىقداردا ئېقىپ كىرىشى بىلەن، ئوساكادىكى نۇرغۇنلىغان تۈرلۈك ماللار شىركىتى ناھايىتى كەڭ دائىرىدە باج كەچۈرۈم قىلىنغان سېتىش كۆزنەكلىرىنى تەسىس قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تۈرىدىكى «تەلەي خالتىسى» جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ تالىشىپ سېتىۋالىدىغان ماللىرى بولۇپ قالغان.
«تەلەي خالتىسى» ياپونىيەدىكى سودا سارايلار يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە، كۆپ خىل ماللارنى لاتا خالتا ياكى قەغەز قاپلارغا قاچىلاپ ماسلاشتۇرۇپ ساتىدىغان بىر خىل خالتا ئىكەن. رەسىمدە، 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئوساكا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved