11-سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە ، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 2014-يىللىق شىنجاڭدىن ئايروپىلان خادىمى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 10-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن . قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدىغان بولۇپ ، ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن .
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خىزمەتچى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ يىل مەخسۇس كۇرس ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە بولغانلار ئىچىدە 1990-يىلى 1-يانۋاردىن 1996-يىلى 31-دېكابىرغىچە بولغان ۋاقىتتا تۇغۇلغانلار ، تولۇق كۇرس ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە بولغانلاردىن 1989-يىلى 1-يانۋاردىن 1996-يىلى 31-دېكابىرغىچە بولغان ۋاقىتتا تۇغۇلغانلار قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ ، قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ جىنسى ، كەسپى ، ئىنگلىزچە سەۋىيەسىگە چەك قويۇلمايدىكەن ، قوبۇل قىلىنىدىغانلار چوقۇم 2015-يىلى 1-سېنتەبىردىن بۇرۇن پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ، دۆلەتلىك مائارىپ تارماقلىرى ئېتراپ قىلغان ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەككەن .
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved