ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم
يېقىندا شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئىچىلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىدا ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭمۇ ئوخشاشلا زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، سالامەتلىككە زىيان سالىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىلارنى ياش – ئۆسمۈرلەرگە سېتىپ بېرىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى مۇراجىئەتنامىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئېلېكتىرونلۇق تاماكا يەنە ‹‹ئېلېكتىرونلۇق نىكوتىننى يەتكۈزۈش سىستېمىسى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئادەتتە تەركىبىدە ئاز مىقداردا نىكوتىن بولغان ئېرىتمىنى ھورلاندۇرۇش ئارقىلىق تۇمانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ خىل ئېرىتمە تۇمانلاشتۇرۇلۇش جەريانىدا يەنە سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان باشقا تەركىبلەرنىمۇ ھاسىل قىلىدۇ. تۇمانلاشتۇرۇلغان ئېرىتمە ئەنئەنىۋى تاماكىغا ئوخشاش سۈمۈرۈلسىمۇ، بىراق ئىس – تۈتەك چىقمايدۇ. ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئەڭ بۇرۇن جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن. ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ئانچە ئۇزاق بولمىغاچقا، نۆۋەتتە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ بۇ خىل تاماكىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى يەنىلا كەمچىل ئىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ھامىلىدار ۋە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى ئىشلەتكەندە، ھامىلە چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە زىيانلىق تەسىر ئىلىپ كېلىدىكەن. نۆۋەتتە ئېلېكتىرونلۇق تاماكا بازىرى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ، 2013 – يىلى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئېلېكتىرونلۇق تاماكىغا ئىشلىتىلگەن خىراجەت 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ سان 2030 – يىلىغا بارغاندا 17 ھەسسە ئۆرلەيدىكەن.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹مۇھاجىرلار گېزىتى››نىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2013 – يىلى ئامېرىكىدا تاماكا چەكمەيدىغان، بىراق ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىدىغان ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 250 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 2011 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولغان.
ئېلېكتىرونلۇق تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ئوخشاشلا كىشىلەرنى ئاسانلا خۇمار قىلىۋالىدۇ، ئەگەر ياش – ئۆسمۈرلەر دائىم ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چەكسە، چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە بولغان ئەكس تەسىرى يەنىلا چوڭ بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved