تايلاند ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تايلاند تورلىرىدا بىر بۆلەك ۋېدىئو قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ۋېدىئودا پەقەت باش قىسمى ۋە بەدىنىنىڭ يېرىمىلا قېپقالغان بىر تال بېلىقنىڭ سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەنلىكى، بۇ يېرىم تال بېلىقنىڭ يەنىلا نورمال نەرسە يەپ، نەپەس ئېلىپ، يېرىم يىل ياشىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تورداشلار بۇ ۋېدىئونى كۆرگەندىن كېيىن بەس-بەستە بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشكەن ھەم بۇ بېلىققا < ئامەتلىك يېرىم تال بېلىق> دەپ نام قويغان.
خەۋەرقىلىنىشىچە، بۇ يېرىم تال بېلىقنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمى بولسا ۋاپا بولۇپ، ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ بېلىقنىڭ ئىسمىنىڭ < بېنكۇن> ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ مەنىسىنىڭ < ئامەتلىك يېرىم تال بېلىق> ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن بەش ئاي ئىلگىرى، بېنكۇن ئىسىملىك بۇ بېلىق ئىدىشتىن ئېتىلىپ چىققان ھەم قۇيرۇق قىسمى ئىدىشنىڭ گىرۋىكىگە ئۇرۇلۇپ كېتىپ يارىلانغان. ۋاپا بۇنىڭغا ھېچنىمە بولماس دەپ ئۇنچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن، لېكىن بېنكۇن ئىسىملىك بېلىقنىڭ قۇيرۇق قىسمى ئاستا-ئاستا سېسىپ كېتىشكە باشلىغان، ئاخىرىدا بېلىقنىڭ پەقەت باش قىسمى ۋە بەدىنىنىڭ يېرىمىلا قېپقالغان.
ئەسلىدە بېلىقنىڭ ئىگىسى بېنكۇن ئىسىملىك بۇ بېلىقنى تاشلىۋەتمەكچى بولغان، لېكىن بېلىقنىڭ يەنىلا ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ بېلىقنى ئايرىم ئىدىشقا سېلىپ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشقا باشلىغان. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، ئارىدىن بەش ئاي ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بېنكۇن ئىسىملىك بۇ بېلىق يەنىلا نورمال نەرسە يەپ، نەپەسلىنىپ يۈرگەن. ۋاپا بۇ بېلىقنىڭ ناھايىتى قەيسەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى داۋاملىق بېقىشنى قارار قىلغان. لېكىن يامان يېرى شۇكى، <ئامەتلىك يېرىم تال بېلىق> دەپ ئاتالغان بۇ بېلىق ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved