شىنخۇا تورى ، شاڭخەي ، 22-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : شاڭخەي شەھەرلىك تاشقىننىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 22-سېنتەبىر كەچتە تارقاتقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا ، 22-سېنتەبىر بۇ يىلقى 16-نومۇرلۇق كۈچلۈك قۇيۇن ‹‹ سۇمرۇغ ›› جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شياڭشەندە قۇرۇقلۇققا چىققان ، مۆلچەرلىنىشىچە بۈگۈن ( 23-سېنتەبىر) شاڭخەيگە يېتىپ كېلىدىكەن . نۆۋەتتە ، شاڭخەيدىكى 100 مىڭ كىشلىك تاشقىننىڭ ئالدىنى ئېلىش قوشۇنى تەييارلىنىپ بولغان .
شاڭخەي شەھەرلىك تاشقىننىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى بىلدۈرۈشىچە ، ‹‹ سۇمرۇغ ›› 23-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىنگىچە شاڭخەيگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن . شاڭخەي مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى باش مۇلازىمەتچىسىنىڭ مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈشىچە ، ‹‹ سۇمرۇغ ›› قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ئازراق پەسىيىدىكەن . تىروپىك بەلباغ قارا بورىنى 22-سېنتەبىر يېرىم كېچىدىن 23-سېنتەبىر كۈندۈزگىچە شاڭخەيگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، شاڭخەيدە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن .
نۆۋەتتە ، شاڭخەي شەھىرى تېزدىن تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ، قارا قۇيۇننىڭ تەسىرىنى ئازايتىشقا تىرىشىشنى تەلەپ قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved