شىنخۇا تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلىگىراممىسى ، جۇڭگو باھالىغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ يېقىنقى بىر ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى تازا كۆڭۈلدىكدەك بولمايۋاتقان پەلەستىن- ئىسرائىلىيە سۆھبىتى ھازىر ئۆز-ئارا ئەيىبلەش باسقۇچىغا كىرگەن.
بۇ نوقتىدا، سىرىتنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە سۆھبىتىدىن كۈتكەن ئۈمىدى بەلكىم ھازىرقى ھالەتكە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. بىراق پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەگە قاتتق ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش ئېھتىمال تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چارە بۇلىشى مۇمكىن. ماقالىنىڭ تەرجىمسىدە كۆرسىتىلشچە:
ئىسرائىلىيە تەرەپكە گەرچە ئامىرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ ،بىراق پەلەستىن- ئىسرائىلىيە سۆھبىتىنىڭ بۇزۇلشى تېخى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئېغىر دەرىجىدە ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ.بەلكىم كۆپلىگەن ياۋروپا شىركەتلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان كەسپى ھەمكارلىقنى ئازايتىشى مۇمكىن.
ئەمما،نىملا دىگەن بىلەن بۇ ئىسرائىلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئازغىنە بىر بۆلكىگە چېتىلىدۇ. ئۈچىنجى بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ‹‹مۇھىم بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ››تەرەپتە ھەمكارلىشىشنى توختىتىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئىستېراتىگىيە نوقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ،ئىسرائىلىيە پەقەت ئامىرىكىغىلا تايىنىدۇ. ئىسرائىلىيە جاسوسلۇق تەشكىلاتى ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تېرورلىققا زەربە بىرىپ كەلمەكتە. بۇ ئورگانلارمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىشنى خالىمايدۇ.
چۈنكى ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئورگىنى مۇسادنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى زور بولغاچقا ، ئۇلار ئەرەب تىلىغا پىششىق ھەم خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدۇ.
كېرري يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ ،پەلەستىن - ئىسرائىلىيە سۆھبىتى مەغلۇب بولسا يەنە بىر قېتىملىق ‹‹ئېتفاد ›› (پەلەستىن قوراللىق قوزغىلىڭى )نىڭ پارتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭدىن كىيىن ئىسرائىلىيە گازا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن ھەمدە بىخەتەرلىك تېمى ئارقىلىق جوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پەلەستىن رايونى بىلەن ئىسرائىلىيەنى پۈتۈنلەي ئايرىۋەتكەن.
ئالدىنقى قېتىملىق قوزغىلاڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىگەن. ئوخشاش ۋاقىتتا ،پەلەستىننىڭ ئۆزىنىڭمۇ قورالى بار : ئەگەر پەلەستىن خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيسىگە قاتنىشىشنى ياكى سوت كوللىگىيسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈشنى تەلەپ قىلسا ،ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايون نوقتىلىرىنى كۆپەيتىش قىلمىشى ئۇرۇش قىلىش جىنايىتى قىلىپ بىكتىلدىكەن. چۈنكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيسى ئىشغالىيەتچى دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرنى ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ئىشغال قىلۋالغان رايونلارغا يۆتكىشىنى چەكلىگەن. ئالدىنقى ھەپتە،پەلەستىن مىللى ھوقۇق ئورگىنى رەئىسى مۇھەممەد ئاباس ‹‹پەلەستىن دۆلىتى ›› نىڭ 15 خەلىقئارالىق تەشكىلات ۋە شەرتنامىگە قاتنىشىشقا سۇنۇلدىغان ئىلتىماسقا ئىمزا قويغان .
ئاباسنىڭ بۇ ھەركىتى ئىسرائىلىيەگە قايتۇرغان ئىنكاس ئىكەن.بۇندىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە 26 پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قۇيۇپ بەرمىگەن ھەمدە كەلگۈسىدە شەرقي ئېرۇسالىم يەھۇدىيلار ئولتۇراق نوقتىسىدا يېڭدىن 700 ئولتۇراق ئۆي قۇرۇدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ پەلەستىننىڭ قاتتىق نارازلىقىنى قوزغىغان.گەرچە پەلەستىن بۇنىڭ ئۈچۈن 440 مىليون دوللار ئامىرىكا دوللىرى چىقىم قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر پەلەستىن - ئىسرائىلىيە سۆھبىتى مەغلۇب بولسا ، ئاباس خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيسىگە ئەرىز سۇنىدىكەن. لىكىن ئەڭ ئەقەللىي ھەقىقەت بولسا تىنىچلىق سۆھبىتى قانچە ئۇزۇنغا سۇزۇلغانسىرى شۇنچە تەس بىرلىككە كىلىدۇ.
بۇ پەلەستىن ئۈچۈن تۇلىمۇ پايدىسىز ئىسرائىلىيە ئولتۇراق نوقتىلىرىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ كەلگۈسىدە بۇ ئولتۇراق نوقتىللىرىنى چېكىندۈرۈپ پەلەستىنگە يىتەرلىك چوڭ زىمىن بېرىش بارغانچە تەسلىشىدۇ،ئەلۋەتتە ،ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق نوقتىللىرىنى كۆپەيتىشتىكى مەقسىتىمۇ دەل مۇشۇ. ئۇلار پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرشىغا قارشى تۇرىدۇ .لىكىن، ئەگەر ئىسرائىلىيە جوردان دەرياسىنىڭ غەربىنى يۈتىۋەتسە ، ئۇنداقتا ئىسرائىلىيە دۇچ كىلىدىغان تاللاش پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىشنى تاللاشقا يەتمەسلىكى مۇمكىن.
چۈنكى بۇنداق بولغاندا ، جوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى ئىككى مىللەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.مەڭگۈ باشقىلارنىڭ زىمنىنى ئىشغال قىلش ئىسرائىلىيەنىڭ ئىتتىپاقدېشى بولغان ئامرىكىنى بارغانسىرى بىئارام قىلىدۇ.بۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ، بۇ خىل قىلمىش ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئەخلاق سىزقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئورنىغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved