رىشى شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان مەھسۇلاتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەر بىر كىشىگە بەرگەن تەسىرى بولسا رىشى ماركىسىغا خاس ئۇسلۇبنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدۇر. پاناسونىك ئۈچۈن ئېيتقاندا بولسا چەتئەل بازارلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى قالمىغاندەكلا ئىدى. ئەمما پاناسونىك شىركىتى يېقىندا ھىندىستان بازىرىدا ELUGA Mark نۇسخىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى ئېلان قىلدى، بۇ يانفوننىڭ گەۋدىسىگە مېتال ئىشلىتىلگەن، كەينى قېپى ئۈچ بۆلەك ئۇسۇلدا لاھىيىلەنگەن، ئالدى قىسمىغا بولسا كۇنۇپكا ئورنىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ يانفون كىشلەرگە ناھايىتى تونۇش مەھسۇلاتتەك تۇيغۇ ئاتا قىلغان.
قاتتىق دېتال سەپلىمىلرى جەھەتتە، Panasonic ELUGA Mark نۇسخىلىق يانفونغا 1280*720 ئېنىقلىقتىكى 5.5 دىيوملۇق ئېكران، ئاساسى چاستوتىسى 1.5GHz بولغان كۇۋالكۇم سىناپدىراگون 615 تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساسى سىغىم بوشلۇقى، 13 مىليون پېكسىللىق كەينى يۈزى ئاساسى كامىراسى، 5 مىليون پىكسىللىق ئالدى يۈزى قوشۇمچە كامىراسى، 2500 مىللى ئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 32G لىق ئاساسىى سىغىم بوشلۇقىنى ۋە 4G تورىنى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەشغۇلات سېستىمىسىغا Android 5.1 سېستىمىسى قاچىلانغان، بارماق ئىزىنى سېزىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، سېتىلىش باھاسى 11990 رۇبلى، جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1147 يۈەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved