دۇنيا نېفىت بازىرىدا يەنە داۋالغۇش بولدى، دۇنيا يېنىك تۆۋەن گۈڭگۈرتلۈك خام نېفىتنىڭ ئۆلچىمى يەنى بىر باك برېنت خام نېفىت باھاسى 19-ئىيۇندىكى ئەڭ يۇقىرى باھا 115.32 ئامېرىكا دوللىرىدىن %38 تۆۋەنلەپ، 1-دېكابىر 79.59 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىلاتىس ئېنېرگىيە ئۇچۇرى شىركىتىنىڭ مۆلچەرىدىكى دۇبەينىڭ بىر باك گۈڭگۈرۈتلۈك خام نېفىتىنىڭ باھاسى 23-ئيۇندىكى 111.16 ئامېرىكا دوللىرىدىن %40 تۆۋەنلەپ 1-دېكابىر 65.9 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ قېتىمقى بازارنىڭ ئۆزگىرىشى دۇنيا نېفىت بازىرىنىڭ 3 يىللىق بىر قەدەر مۇقىم مەزگىلىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.
6-ئايدىن باشلانغان باھانىڭ چۈشىشى بازار تەمىناتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى ۋە ئېھتىياجنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئامېرىكا سىلانىتىس نېفىتلىكىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى داۋاملىق ئاشقان، لىۋىيە بازارنى قايتىدىن نېفىت بىلەن تەمىنلىگەن، ئۈنىڭ ئۈستىگە ياۋروپانىڭ ئېھتىياجى ئازايغان، بۇ يېڭىدىن كۆپەيگەن رىقابەتچىلەر تىنچ ئوكيان ئويمانلىقى بازىرىنى مال بىلەن تەمىنلەشنى تالاشقان، شۇنىڭ بىلەن برىنېت خام نېفىت باھاسىغا بېسىم پەيدا بولغان. ئەمەلىيەتتە، خەلقئارا خام نېفىت سودىسىنىڭ ئەمەلىي باھاسى ھازىرقى تەمىنات ۋە ئېھتىياج ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماي كەلگۈسىدىكى تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ كۆزلىمىسىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرايدۇ. باھانىڭ بۇنداق زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى سېتىۋالغۇچى بىلەن ساتقۇچىنڭ كۆزلىمىسىنى تەڭشىگەنلىكىدىن، تەمىناتنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ كۆزلىمىدىن يۇقىرى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىلا ئىسپاتلانغان. شۇ ۋاقىتتا، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانى باھانىڭ چۈشۈپ كېتىشى بىلەن مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە «بازار ئۆزى مۇقىملىشىدۇ» دەپ ھېسابلىغان. بۇ بازارغا ئېنىق سېگنال بولدى، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەنئەنىۋى بازارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىدىن ۋاز كېچىپ، «تۇراقسىز بولغان نېفىت ئاچقۇچى دۆلەت» دېگەن بۇ سالاھىيەتنى تاشلاپ، نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، بازاردىكى ئۆلۈشىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتتى. بۇ يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تۆۋەن باھالىق مەزگىلنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى تەنەرخلىق نېفىت ئاچقۇچىلار يەنى ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ بازارنى تەڭپۇلاشتۇرۇشىنى خالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى يېڭى خەلقئارا تەرتىپتە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان نېفىتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن چىقماي، ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن زىچلىق نېفىتى ۋە كانادا نېفىتىنىڭ يۇقىرى پايدىسىىن كېلىدۇ.
ھازىر، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ھەر يىلى ئېستىمالچىلارغا تەخمىنەن 1 تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تىجەپ بەردى، ھازىرقى پېرىۋوت نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي مىقدارىغا تەڭ كېلىدۇ. بۇنىڭدىكى غەلبە قىلغۇچىلار نېفىت ئىستېمال قىلدىغان دۆلەتلەرلا بولۇپ قالماي يەنە كىچىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرمۇ بار. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، پۇل پاخاللىقىنى ياخشىلاپ، دۇنيانىڭ ئېھتىياجىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇشى مۇمكىن. نېفىت كىرىمىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ خامچوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان دۆلەتلەر بولسا مەغلۇب بولدى. چۈنكى مەبلەغ سالغۇچىلار نېفىتنى بىر خىل باھا ساقلاش ۋاسىتىسى ۋە دۇنيا زاپاس پۇلىنىڭ پاخاللىشىشىدىن ساقلىنىش تەدبىرى دەپ ھېسابلىمايدۇ، ئۈنىڭ ئۈستىگە نېفىتكە ئامېرىكا دوللىرى بويىچە باھا قويۇلىدۇ، شۇڭا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى باشقا پۇللارغا قارىغاندا ئۆسىدۇ.
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتماسلىقنى جاكارلاپ، بازارنىڭ پاسسىپ ھالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مەھسۇلات مىقدارى ئاز بولغان يۇقىرى كىرىملىق خام نېفىت بازاردىن ئاستا-ئاستا چېكىنىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بازىرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئاشىدۇ، يوشۇرۇن ھەمدە يېڭى بولغان تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى باھا شەكىللىنىشى مۇمكىن.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى تۆۋەن نېفىت باھاسى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ بۇ دۇنيا نېفىت بازىرىنىڭ يېڭى قېلىپىنى شەكىللەندۈرەمدۇ؟ بۇ شىمالىي ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا رايونلىرىدىكى يۇقىرى تەنەرخلىق نېفىت ئاچقۇچىلارنىڭ قايسى ۋاقىتتا، قانداق دائىرىدە، قانداق ئىنكاس قايتۇرىشىغا باغلىق. تەنەرخنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى ۋە نېفىت ئاچقۇچىلارنىڭ تۇراقسىز بولۇشى كەلگۈسى 6 ئايدا ھەتتا 6 يىلدا نېفىت باھاسىنىڭ مۇقىم بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved