11-چېسلا چۈشتە ، ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى تونى ئابوتې شاڭخەيدىكى چۈشلۈك زىياپەتتە مۇنداق دىگەن :
‹‹بىز مالايسىيە ئايروپلانىنىڭ قارا قۇتسىنىڭ نەچچە كېلومىتىر دائىرە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق ،ئەمما بۇنى بىلگەنلىك ھەرگىزمۇ ئايروپلان قالدۇقىنى چۇقۇم تاپالايمىز دىگەنلىك ئەمەس ،ئاۋېستىرالىيە تەرەپ داۋاملىق جوڭگۇ قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ .››
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستېللىرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ،ئاۋستېرالىيە باش مىنىستىرى ئابوتې 11-چېسلا چۈشتە مالايسىيە MH370 ئايروپلانىنى ئىزدەش ھەركىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ ،ئىزدىگۈچى خادىملارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈندە قوبۇل قىلغان سىگنالنىڭ MH370نىڭ قارا قۇتىسى ئىكەنلىكىگە زور ئىشەنچى بارلىقىنى ھەمدە ئېزدەش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە تارايتىقانلىقىنى بىلدۈرگەن . لېكىن ئۇ قارا قۇتىنىڭ ئېنىق ئورنىنى ئاشكارلىمىغان.
ئابوتې يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن،باش مىنىستىر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن مەزكۇر ئايروپلاندىكى يۇلۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئاۋىستىرالىيە تەرەپنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئايروپلان تېپىلغانغا قەدەر ئېزدەشنى داۋاملاشتۇردىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved