بېنگاللىق ئەر غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، قوللىرى يىلتىز تارتىپ كەتتى

      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېنگاللىق ئەر ئابدۇل باجاندىر ئاز كۆرۈلىدىغان ئىرسىيەتلىك تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، خۇددى « دەرەخ ئادەم »گە ئوخشاپ قالغان.

     ئىگىلىنىشىچە، پۈتكۈل يەر شارىدا بۇ خىل كېسەلگە گرىپتار بولغان ئۈچلا ئادەم بار ئىكەن. باجاندىرنىڭ قول بارمىقىدا 10 يىل ئىلگىرىلا دەرەخ يىلتىزىغا ئوخشايدىغان سۆگەل ئۆسۈشكە باشلىغان، يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپ، بەدىنىدىكى سۆگەلنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 5 كىلوگرامغا يەتكەن، باجاندىر قارىماققا خۇددى بىر « دەرەخ ئادەم »گىلا ئوخشاپ قالغان.

بېنگالدىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانا 1- ئاينىڭ 31- كۈنى باجاندىرنى ئوپىراتىسيە قىلىدىغانلىقى جاكارلىغان، داۋالاش گۇرۇپپىسى باخاندىرنىڭ بارماق نېرۋىلىرىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق ۋە باشقا ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋالاشتىن ئىلگىرىكى باھالاش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.

    باجاندىر بېنگالنىڭ جەنۇبىدىكى كۇرنا دېگەن جايدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ دەسلەپتە بارمىقىدا ئۆسۈپ چىققان بۇ « دەرەخ يىلتىزى »غا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن ھەمدە ئۆزى پىچاقتا كېسىپ ئېلىۋەتمەكچى بولغان، ئەمما بەكلا ئاغرىپ كەتكەن. كېيىن ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بارغانسىېرى يامانلىشىپ، نەچچە يىل ئىلگىرىلا ۋېلىسپىتتا كىرا قىلىدىغان خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن.



خەتكۈچلەر:
01-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنېسۇئېلادىكى پەرىشتە شارقىراتمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك شارقىراتما بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر كېلىدىكەن، ئەتراپى چوڭقۇر ھاڭ بولۇپ، ئۇ يەرگە يامىشىپ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆر...
30-04-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇبەي بۇ يىل يازدا دۇنيا رېكورتىنى يارىتىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى تېما قىلىنغان باغچا - IMG تەۋەككۈلچىلىك دۇنياسى (IMG Worlds of A...
29-04-2016
     سىز پەقەت 30 مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپلا شەھەرنىڭ ئۇ چىتىدىن بۇ چىتىگە بېرىپ بولۇشنى پەرەز قىلالامسىز؟ شەھەر كۆلۈمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بۇ دەۋىردە بۇنداق قىلىش قۇرۇق خام خىيالدەكلا تۇيىلىدۇ. ئەمما ئاۋسترالىيەلىكل...
29-04-2016
     2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى مەلۇم ئارشاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى نۇرغۇن ئارشاڭ كۆلچەكلىرىدە ئالما، ئاپېلسىن، لىمون، تەرخەمەك قاتارلىق مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلار چىلاپ قويۇلغانىدى. ...
29-04-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى: «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، فوتوگراف بوشلۇقتىن شىشۇاڭبەننانىڭ بايراملىق ياسانغان گۈزەل ھۆسنىنى سۈرەتكە تارتىپ، كىشىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشقا تەك...
29-04-2016
     2016-يىلى 26-ئاپرېل خەۋىرى. بۇ بىر يۈرۈش سۈرەت بىزگە تۇمان ئارسىدىكى دۇبەينى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چىراق مەنزىرىسى، بۇلۇتلار ئىچىدىكى ئاسمان پەلەك ئىمارەتلەر.... پورتتىن جۇمىرا ئارىلىغىچە بولغان گۈزەل مەنزىرىلەر كىشىگە ئۆز...
28-04-2016
    بۇ يىل ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە شىنجاڭ كۈتىۋالغان ئىچكىرى ...
28-04-2016
    ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى مۇلازىم ئورنىدا ئىشلىتىپ، خېرىدارلارغا تاماق تىزىملاش كىنولاردىكى كۆرۈنۈش ئەمەس بەلكى گوللاندىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت قەھۋەخانىسىدىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈش. ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ...
27-04-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
27-04-2016
    دۆلەتلىك جەنۇبىي دېڭىز مۇزىيى پىلانىدا بۇ يىل 10- ئايدا ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 12- ئايدا كۆرگەزمە بويۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تامالىنىپ، 2017- يىلى دەسلەپكى قەدەمدە سىرىتقا ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ مۇزىي پۈتكەندىن كې...
Powered by Leglek