ئۈرۈمچىدە ئىيۇل ئايلىرى تېمپېراتۇرا تۇراقسىز بولدى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ كەينىدىنلا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى قوغلىشىپ كەلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 10-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ھاۋا ئۆزگىرىپ يامغۇر يېغىپ، 11-ئىيۇل قارا يامغۇر ئۈرۈمچىگە ھۇجۈم قىلىدىكەن.
10-ئىيۇل بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئىيۇل چۈشتىن كېيىندىن 11-ئىيۇن كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى رايونى، مىچۇەن-كۆكتاغ رايونىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر (10-15 مىللىمېتىر) يېغىپ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە يۇقىرىقى تاغ تاغلىق رايونى، مىچۇەن-كۆكتاغ تاغلىق رايونىدا قاتتىق يامغۇر (18-25 مىللىمېتىر) ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر (30 مىللىمېتىرىدىن يۇقىرى) ياغىدىكەن؛ داۋانچىڭ رايونىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر (2-5 مىللىمېتىر) يېغىپ، داۋانچىڭنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا قاتتىق يامغۇر (12-20 مىللىمېتىر) ياغىدىكەن. 11-ئىيۇن شەھەر ئىچى رايونىدا تۆۋەن تېمېپراتۇرا ℃14 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ھۆل-يېغىن مەزكەزلىك كۆرۈلىدىغان ۋاقىت 10-ئىيۇل كېچىدىن 11-ئىيۇل كۈندۈزگىچە بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىرتقا ساياھەتكە چىقماقچى بولغان شەھەر ئاھالىلىرى ھاۋارايى ئالدىن مەلۇماتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەككەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى باش مەلۇماتچىسى دو شىنيىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 12-ئىيۇلغا قەدەر شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي، ئاقسۇ، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئوبلاستىنىڭ شىمالىي، قومۇلنىڭ شىمالىي قاتارلىق رايونلاردا ئالدى-كەينى بولۇپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن. ئىلى دەريا ۋادىسى، چۆچەكنىڭ شىمالىي، ئالتاي، شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتاغ ئېتەكلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونى، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرھال يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم رايونلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۈرۈمچى يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالىدىكەن. ھەپتە ئاخىرىدىكى يامغۇردىن كېيىن 15-ئىيۇلغا قەدەر ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ، تېمېپراتۇرا ℃35 تىن يۇقىرى بولىدىكەن.
![]() |
ئالدىنقى كۈنى، فوتوگراف Steven Stockhall بوتسىۋانادىكى جوب دۆلەتلىك باغچىسىدا شىرنىڭ پاختەك تۇتقاندىكى كۆرۈنۈشىنى رەسىمگە تارتقان.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاختەكلەر سۇ بويىدا سۇ ئىچىۋاتقان بولۇ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved