پەرزەنتلەر مۇبادا ياشانغانلارنىڭ خەج - خىراجىتى ئۈچۈن پۇل بەرگەندە، پۇلنى جوزا ئۈستىگە تاشلاپ قوپاللىق بىلەن : «ئىلىڭ، خەجلەڭ » دەپ ۋارقىرىماسلىق.2. ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى تۆۋەن دەپ كۆزگە ئىلماسلىق، بولۇپمۇ، ئاتا - ئانىسى مېھمان بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، مېھماننىڭ ئالدىدا قول شىلتىپ ئاتا - ئانىسىنى تەنقىد قىلماسلىق.
3. ياشانغانلار گەپنى ئېزىپ قىلىدۇ ھەم ئاسانلا گۇمانلىنىدۇ، بۇ نورمال ئىش. ئاتا- ئانغا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئەدەپسىزلىك بىلەن كەلسە - كەلمەس سۆزلىمەسلىك كېرەك، بولۇپمۇ خالىغانچە گەپ ياندۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىماسلىق كېرەك.4. ياشانغان ئاتا -ئانىلارنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ جىسمانىي كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەچكە، ۋاقىت چىقىرىپ ئائىلىدىكى ئېغىر ئىشلارغا ياردەملىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا پەرزەنت بولغۇچى ئېتىبارسىز قارىماسلىق كېرەك.5. ئادەتتە ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىگە ئۈلگۈرتۈپ تاماق تەييارلاپ، پەرزەنتلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. پەرزەنت بولغۇچى تاماقنى ئۇيان بۇيان يۆتكەپ يۈرمەسلىك كېرەك.6. ھېيت - بايراملاردا ياشانغان كىشىلەر پەرزەنتلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنى ياقتۇرىدۇ ھەمدە پەرزەنتلەرنىڭ ياردەملىشىشنى ئۈمىدى قىلىدۇ.7. ياشانغانلار ئۈچىنچى ئەۋلادنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا چەتكە چىقىۋالماسلىق كېرەك. پەرزەنت بولغۇچى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادتىن خەۋەر ئېلىش، بولۇپمۇ ياشانغانلار بىلەن ئۈچىنچى ئەۋلادنىڭ ئائىلىۋى بەختتىن ھۇزۇر ئىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلماسلىق كېرەك. 8. ئۈچىنچى ئەۋلادنى تەربىيەلەش جەھەتتە ياشانغانلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراش بولىدۇ. بىراق بۇ مەسىلىدە ئاتا - ئانىسىغا قوپاللىق قىلىشقا، بولۇپمۇ بالىنى تىللاپ، ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.9. پەرزەنت بولغۇچى ئۆز بالىلىرىنىڭ ئالدىدا بوۋاي، مومايلارنىڭ كەمچىللىكنى مۇنازىرە قىلماسلىق لازىم.10. پەرزەنتلىرى بىر ئاز كۆپ بولغان ئاتا - ئانىلار ھەربىر پەرزەنتىنىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان مۇئامىلىدە بولىدۇ. پەرزەنت بولغۇچى ھەرگىز ئىچى تارلىق قىلىپ يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ھېسابلاشماسلىقى كېرەك.
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved