يەر شارى خەۋەر تورى 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا پۇل-فوندى تەشكىلاتى IMF نىڭ سابىق باشلىقى ۋە سابق ئىسپانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى راتونىڭ بانكا ھىساباتلىرى ۋە بارلىق ئىقتىسادى پائالىيەتلىرى مادرىد 35. سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن توڭلىتىلدى. سوتچى، راتو ھەققىدىكى يولسۇزلۇق ۋە پارا ئېلىش جنايەتلىرىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشتە ، راتونىڭ 20 يىللىق بارلىق بانكا ھىساباتلىرىنىڭ ۋە ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىنىڭ توڭلىتىلىپ تەكشۈرۈلۈشىنى قارار قىلدى.
66 ياشلىق راتو ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا سۆز قىلىپ ئۆزى ھەققىدىكى ئەيبلەشلەرنى رەت قىلغان ئىدى. راتو ئىسپانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق پارتىيىسىنىڭ سىمۋول خاراكتىرلىك كىشىلىرىدىن بىرى ۋە بۇرۇن ئىقتىساد مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە خەلقئارا پۇل-فوندى تەشكىلاتى باشلىقى بولغان، ئۇ يېقىندا دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن بانكا باشلىقى بولغان.
يەنە بىر تەرەپتىن ئسىپانىيەدە سىياسى تەرەپلەر، راتوغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى ماي ئېيىدا ئۆتكۈزىلىدىغان يەرلىك سايلامدىن بۇرۇن خەلق پارتىيىسىگە قاتتىق قايغۇ پەيدا قىلغانلىقىغا دىققەتنى قاراتماقتا.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved