ھافتەر باش شىتاب باشلىقلىقىغا سايلاندى

جاھان ئاگېنتلىقى 3-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋىيەنىڭ توپرۇك رايۇنىدىكى ۋەكىللەر مەجلىسى، سابىق گېنىرال خەلىفە ھافتەرنىڭ باش شىتاب باشلىقلىقىغا سايلىنىش قارارىنى ماقۇللىدى.
لىۋىيە ئاساسى قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن بىكار قىلىنغان توپرۇك ۋەكىللەر مەجلىسى، مەجلىس باشلىقى ئاگۇلا سالىھنڭ تەكلىپى بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلەنگەن گېنىرال خەلىفە ھافتەرنىڭ قايتىدىن باش شىتاب باشلىقى بولۇش قارارىنى ماقۇللىدى. سالىھ ھافتەرنىڭ توپرۇكتىكى ۋەكىللەرمەجلىسىدە يېڭى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن قەسەم بېرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
2011-يىلى 17-فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن سىياسى مۇقىمسىزلىق يۈز بېرىۋاتقان لىۋىيەدە، 2014 تە پىنسىيەگە چىققان گېنىرال خەلىفە ھافتەرنىڭ «زىنتان»غا مەركەزلەشكەن قۇراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن باشلىغان ھەربىي ئۆزگىرىش ھەرىكتى، ترابلۇس ۋە مىستراتادىكى ئىنقلابچى گۇرۇپپىلار بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ترابلۇس ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئىدى.
پىنسىيەگە چىققان گېنىرال ھافتەر ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بولغان مىللىي قۇرۇلتاي تەرەپدارى بىنغازىدىكى ئىنقلابچىلار قۇرۇلتىيىگە تەۋە قۇراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى «غۇرۇر كۈرىشى» نامىدا ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.


لىۋىيەدە 25-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن لىۋىيە سىياسى سەھنىسىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ۋە دۆلەتتە ئىككى ئارمىيە، ئىككى پارلامېنت ۋە ئىككى ھۆكۈمەت پەيدا بولدى.
قازافى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن لىۋىيەدە ئارمىيە قانۇنىدا ھەربىي تۈزۈم قالمىدى. ۋە مەيداندا ھەر خىل سىياسى جاسۇسلىرى ۋە مۇستەقىل قۇراللىقلىرى بار بولغان كۈچلەر ھاكىم بولۇشقا باشلىدى. ماي ئېيىدا پىنسىيەگە چىققان گېنىرال ھافتەر، لىۋىيەدىكى ئىسلام كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەت باشلىدى، ئىسلام كۈچلىرى بىرلىشىپ «فەجرى لىۋىيە» نامىدا بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ قارشىلىق بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن لىۋىيەدىكى ئىككى قارشى قۇراللىق گۇرۇپپا پەيدا بولۇپ تۇقۇنۇشلىرى داۋام قىلماقتا.
ئىيۇن ئېيىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا لىبىرال ئېقىم غالىب كەلدى، يېڭى پارلامېنت لىۋىيە ۋەكىللەر مەجلىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى.
لىۋىيەدە ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قانچە ئۇرۇنۇشلار بولدى، يېقىندا دىكابىر ئېيىدا لىۋىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى مۇقىمسىزلىققا ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن «5 لىۋىيە قوشنا ئەللىرى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى، مىسىر، سۇدان، ئالجىرىيە، تۇنىس ، چاد ۋە نىگىرىيە قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سۇدان پايتەختى خارتۇمدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر كىرزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن قىسقا مەزگىلدە خەلقئارانىڭ قوللىشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى، لىۋىيەدە قۇرال يەتكۈزۈلىشىگە قارشى تەدبىر ئېلىش ھەققىدە بىردەكلىككە كەلدى.



04-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek