جاھان ئاگېنتلىقى 1-مارت خەۋىرى: قاھىرە جىددى ئىشلار مەھكىمىسى، غەززەدىكى خاماس ھەرىكىتىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى قارار قىلدى. خاماس قاھىرەنىڭ بۇ قارارىنى ئەيبلەپ، «بۇ قارار مىسىر ئۈچۈن نۇمۇستۇر» دېدى.
مىسىر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ قاراردىن كېيىن، خاماس باياناتچىسى سامى ئەبۇ زۇھرى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيسىگە سۆز قىلىپ، بۇ قارارنى ئەيىبلەپ،«مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ چىقارغان بۇ قارارى مىسىر ئۈچۈن نۇمۇستۇر» دېدى.
ئەبۇ زۇھرى «مىسىر مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى ئىشغالچىلارنى دوست، پەلەستىن خەلقىنى دۈشمەن دەپ قارىماقتا» دېدى.
مىسىر مەھكىمىسى يەنە 26-يانۋار خاماسنىڭ «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قۇبۇل قىلىنىش تەلىپى بىلەن قاراپ چىقىلغان بىر داۋادا بىرتەرەپلىملىك قارارى چىقارغان ئىدى. مىسىردا سەمىر سابرى ۋە ئەشرەف سەئىد ئىسىملىق ئادۇكاتلار خاماسنىڭ تېرور تەشكىلاتى تىزىملىكىدە تىلغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ داۋا ئاچقان ئىدى.
خاماسنىڭ ئەسكىرى تارمىقى تېرورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلنغان ئىدى
مىسىر جىددى ئىشلار مەھكىمىسى 31-يانۋار خاماسنىڭ ھەربىي تارمىقى «ئىززۇددىن قەسسام ئەترىتى» نى تېرورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. خاماس بولسا مەھكىمىنىڭ قارارىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلغانلىقىنى ئەيىپلەپ قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
قاھىرە جىددى ئىشلار مەھكىمىسى 2014-يىلى 4-مارتتا خاماسنىڭ مىسىردىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، دۆلەتتىكى پائالىيەت مەركەزلىرىنى تاقاش قارارى چىقارغان ئىدى.
مىسىر مېدىياسى پات-پات خاماس ۋە ئۇنىڭ ئەسكىرى تارمىقى ئ«ئىززۇددىن قەسسام ئەترىتى» نى مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى قۇراللىق ھۇجۇملارغا ئارىلاشقان دەپ ئەيىبلىمەكتە. بىر قىسىم مىسىرلىق ئاخباراتچىلار، تېلېۋىزور پروگراممىلىرىدا مىسىر ئارمىيسىنىڭ خاماسقا ھەربى زەربە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، خاماس مىسىرنىڭ بۇ داۋالىرىنى رەت قىلغان ئىدى.
خاماس 3-يانۋاردا 17 ياشلىق پەلەستىنلىك بىر ياشنىڭ غەززە رايۇنى چېگراسىدا مىسىر بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، «بۇ قوشنا قېرىنداش دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر ھەرىكەتتۇر» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved