شىنجاڭ مورى ناھىيەسىدە ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىپ ، ئۈچ توننا دېزىل ئېقىپ كەتتى

شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتى 14-ئۆكتەبىر سائەت 12:15 دە تاپشۇرۇۋالغان مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە ، ئۆلكە يولى 303-لىنىيە مورى ناھىيە شىتۇ يېزىسى يول بۆلىكى ئېغىزىدا ئىككى باكلىق ئاپتوموبىل ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىققان . ئوتتۇرا ئەترەت مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە سەككىز نەپەر خادىمنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن .


نەق مەيداندىن ئىگىلىنىشىچە ، 18 توننا دېزىل ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل بىلەن 35 توننا مېتىل ئىسپىرتى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ موتور قىسمى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان ، شوپۇرلار يارىلانغانلىقتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ، كۆپ مىقداردىكى دېزىل ئېقىپ كەتكەن .


سانجى ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى مورى ئوتتۇرا ئەترىتى سائەت 17:00 دە نەق مەيداننى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىپ بولغان .


تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، مېتىل ئىسپىرتى قاچىلانغان ئاپتوموبىل بارىكۆلدىن مورىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇپ ، ئاپتوموبىل يانداش جەريانىدا بۇ ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىككى شوپۇر بىر-بىرىنى تارتىپ چىقىرىپ بىخەتەر جايغا بېرىۋېلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان .


ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە تەخمىنەن ئۈچ توننا دېزىل ئېقىپ كەتكەن ، بىر شوپۇر يارىلانغان ، ۋەقە يۈز بېرىپ تەخمىنەن ئالتە سائەتكىچە يوللار ئېتىلىپ قېلىپ ، ئاپتوموبىللار تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ قالغان .



خەتكۈچلەر:
16-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek