تەيۋەن ۋە ئامرىكا ئاخباراتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامرىكا بىرىنجى خانىمى مىچىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى جوڭگۇدىكى ھەپتىلىك ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن.
ئەڭ ئاخىرقى بىكەت سىچۈەن چىڭدۇدا ئۇ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن بىر شىزاڭ تاماقخانىسىدا غىزالانغان،ئامرىكىغا قايتىپ كەتكەندىن كىيىن ئاق ساراينىڭ تور بىكىتىدە يازغان خاتىرىسىدە دالاي لامانى ماختاپ يازغان،بۇ ماختاشنى باشقىلار ئامرىكىنىڭ سىياسىي پوزىتسىيسى دەپ ئويلىغان.بۇنىڭدىن بۇرۇن مىچىل بۇ قىتىملىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك جوڭگۇدىكى ساياھەت پەقەتلا بىر ‹يۇمشاق›تىما،سىياسىي بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ئىيتقان.
26-مارت مىچىل ئاۋال چىڭدۇدىكى مۈشۈكئىيىق بازىسىنى كۆرۈپ بولۇپ،چۈشتىن بۇرۇن بىر شىزاڭ تاماقخانىسىغا كىرىپ تاماق يىگەن،تاماق يىيىشتىن بۇرۇن توختىماي ئوقۇغۇچىلار سوۋغا قىلغان خادىنى قوبۇل قىلغان،يەنە ئاشپۇزۇل يىنىدىكى ئون بىر تال ‹نوم يىزىلغان نەيچە›نى ئايلىنىپ چىققان،ئۇ يازغان كۈندىلىك خاتىرىسىدە شىزاڭ تاماقلىرىنىمۇ تونۇشتۇرغان.
مىچىلنىڭ خاتىرىسىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ئۇ شىزاڭلىقلارنى ئىزچىل ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.....ئۇنىڭ ئاسان كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن ،بولۇپمۇ سىز مەكتەپ ۋە جەمىيەتنىڭ ئاز سانلىقى بولغان ھالەتتە دەپ يازغان .ئۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە زاڭزۇلارنىڭ بۇددا دىنى پىشۋاسى دالاي لاما ئۆزىنىڭ مىھرىبان،كەڭ قورساق ،سەۋرچانلىقى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان دەپ يازغان.جوڭگۇ ھۆكىمىتى دالاي لامانىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىنى توسىۋاتقان بولسىمۇ ،لىكىن مىچىل خاتىرىسىدە دالاينى تىلغا ئىلىپ ،باشقىلار تەرىپىدىن سىياسى كۆز-قارىشىنى ئىپادىلىدى دەپ قارالدى.بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن مىچىلنىڭ يولدىشى ،ئامرىكا زوڭتۇڭى ئوباما دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن.
جوڭگۇ ئاخباراتلىرى مىچىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ساياھىتى توغرىسىدا مۇھىم قىلىپ ئاخبارات يوللىمىدى،ھەم مىچىلنىڭ بۇ قىتىمقى دالاي لامانى ماختىغىنىغا ئىتىراز بىلدۈرمىدى.چەتئەل ئاخباراتى مىچىلنى پوزىتسىيەسى ناھايىتى ياخشى بولدى دەپ قارىدى.مەسىلەن،ئۇ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى بىكەت چىڭدۇدىكى ساياھىتىدە شىزاڭ ئائىلىسىنى تاللغانلىقىنى،ئوقۇغۇچىلار سوۋغا قىلغان خادىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى،شىزاڭ سەنئىتىگە قىزىقىشىنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىنى ھۆرمەتلىگەنلىك دىدى.
لىكىن نۇرغۇن جوڭگۇ پۇقرالىرى مىچىلنىڭ بۇ قىلغىنىغا نارازى ئىكەنلىكىنى ،ئۇنىڭ كۈچلۈك سىياسىي قارىشى بارلىقىنى جوڭگۇغا ئۇقتۇرۇپ قويماقچى دەپ ئەيىپلىدى.
شۇنىڭ بىلەن مىچىلنىڭ جوڭگۇدىكى نامىغا تەسىر يەتتى.
كۆزەتكۈچى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved