ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ مونتېبېللو شەھىرىدىكى RonHubbard ئىسىملىك بىر ئەر مىش-مىش پاراڭلاردىكى ‹‹ قىيامەت كۈنى ›› گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، ھەشەمەتلىك يەر ئاستى پاناھ كېمىسى كەشىپ قىلغان . ‹‹ قىيامەت ›› نىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ خىل پاناھ كېمىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئەسلىدىكى ھەر ئايدا بىرى سېتىلىشتىن كۈندە بىرى سېتىلىشقا ئۆزگەرگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ھەشەمەتلىك پاناھ كېمە سىلىندىرسىمان بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 50 فۇت (تەخمىنەن 15 مېتىر) ، دىيامېتىرى 10 فۇت (تەخمىنەن ئۈچ مېتىر) كېلىدىكەن ، 20 فۇت (تەخمىنەن ئالتە مېتىر ) چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىغا ئورناتقىلى بولىدىكەن .
بومبىدىن باشقا، ئۇ يەنە يادرو قوراللىرى ۋە خىمىيەلىك قوراللارنىڭ خەتىرىدىن ساقلايدىكەن . كېمىنىڭ ئىچىگە خۇرۇم كىرىسلو ، تەڭ ئىئونلۇق تېلېۋىزور ، ياغاچ پول ، خاسلىققا ئىگە كارىۋات ، ئاشخانا ، سۇ تارتىش چېلىكى ، ھەتتا تام مەش قاتارلىقلار سەپلەنگەن ئىكەن . جاننى ئېلىپ قېچىش يولى كېمە ئېغىزىنىڭ بىر بۆلىكىگە جايلاشتۇرۇلغان ھەم پەقەت ئىچىدىنلا ئاچقىلى بولىدىكەن ، ھىم ئېتىلگەن ئەخلەتخانىمۇ شۇ يەردە ئىكەن .
بۇ خىل پاناھ كېمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 46 مىڭ پۇند (تەخمىنەن 460 مىڭ يۈەن) ئىكەن . سېتىۋالغۇچىلار ئۇنى ‹‹ قىيامەت كۈنى ›› پاناھلىنىدىغان جاي دەپلا قارىماستىن ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا يەنە ئۇنى ئوۋ ئۆيى ياكى ئارام ئېلىش ئۆيى قىلىۋالغان .
مەنبە: http://bbs.izdinix.com/thread-57689-1-1.html
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved