چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا بىر باھامالىق ئەر كىشى كومپيۇتېر ۋىرۇسى بىلەن 130 دىن ئارتۇق چولپاننىڭ ئېلخەت ئاكونتىغا كىرگەن ۋە شەھۋانىي سۈرەت ۋە ۋىدىئو، كىنو سىنارىيىسى ۋە باشقا سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىۋالغان، ئاخرىدا بىر سىرلىق خېرىدار ئۇنىڭدىن قويۇلۇش ئالدىدىكى بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سىنارىيە ماتېرىيالىنى ئوغرىلاشنى تەلەپ قىلغاندا تۇتۇلغان، ھازىر قايسى چولپانلارنىڭ ئېلخەت ئاكونتىنىڭ خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
بۇ گۇماندارنىڭ ئىسمى ئالونزو نوۋلېس بولۇپ، ئىگەللىنىشىچە ئۇ قانۇنسىز ھالدا چولپانلارنىڭ ئېلخەت ئاكونتىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ۋىرۇس ئەۋەتىش ئارقىلىق چولپانلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلىۋالغان. ئەرزنامىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ بىر «سىرلىق مېھمان» غا ئۆزى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرگەن بىرقىسىم ماتېرىياللارنى ساتماقچى بولغان ۋە بۇ ماتېرىياللار باھاسىز دېگەن.
بۇ «سىرلىق خېرىدار» نوۋلىسقا ئۆزىنىڭ 80 مىڭ دوللار چىقىرىپ بىر قويۇلۇش ئالدىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللرىنى ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نوۋلىس ئوغۇرلۇق قىلىشقا قوشۇلغان ھەمدە بۇ قېتىملىق ئوغۇرلۇق جەريانىدا تۇتۇلغان. نوۋېلىسنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇنىڭ قولىدا «ناھايىتى داڭلىق شەخسىلەر»نىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە نومۇرى (ئامېرىكا) ۋە ئۇلارنىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدىكى پلاستىنكىسىنىڭ 30 يېڭى ناخشىسى بار ئىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، نوۋلىس ئېلخەتكە ھۇجۇم قىلىشتىن باشقا يەنە بىر قىسىم چولپانلارغا يالغان ئۇچۇر ئەۋەتكەن، ئۇ ئۇچۇردا قارشى تەرەپنىڭ خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى شۇنىڭ ئۈچۈن ئاكونت مەخپىي نومۇرى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاكونت بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەكلىكىنى ئېيتقان، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق نوۋلىس يەنە خېلى كۆپ چولپانلارنىڭ ئاكونتى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ھازىرچە بۇ قېتىملىق ھۇجۇم ۋە ئالدامچىلىقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كونكرېت چولپانلارنىڭ ئسىىملىكى ئېلان قىلىنمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved