ئوكرائىنانىڭ پۇلكۇۋنىكى:ھازىر بۇ دۆلەت ئۈچۈن جەڭ قىلدىغانلار قالمىدى

«يەر شارى ھەربى ئىشلار خەۋەرلىرى»:لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەردە«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى سىيىمفېروپول شەھىردە ئايلىنىپ يۈرگەندە،بىر قانچە سائەتلىك ئومۇمى خەلق ئاۋاز بىرىشنى خەۋەر قىلغاندىكى جىددى كەيپىىياتنى قەتئى ھىس قىلمىغان.

شەھەر رايۇندا كۇچىلارنىڭ ئىككى چېتىدىكى «رۇسىيە بىلەن بىللە»دېگەن پىلاكاتلاردىن باشقا،ئومۇمى خەلق ئاۋاز بىرىشكە مۇناسىۋەتلىك باشقا پىلاكات ۋە تەشۋىقات ۋەرەقىسى ئانچە كۆپ بولمىغان،شۇنداقلا قىسمەن پىلاكاتلارىغا سىر چېچىلغان،«رۇسىيە»دېگەن خەت «ئوكرائىنا بىلەن بىللە» دېگەن خەتكە ئۆزگەرتىلگەن.مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىشغا ھەمراھ بولغان ماك ئۇچۇق-يۇرۇقلۇق بىلەن مۇنداق دېگەن:«گەرچە بىلەت تاشلاش 8:00دە باشلىندۇ دىيىلگەن بولسمۇ،10:00 دىن ئىلگىرى ھەر قايسى بېلەت تاشلاش نوقتىلىرىدا ھىچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ،يەنىلا كېيىنرەك چىقىپ ئايلانساق ياخشى بۇلارمىكىن».

بىراق ماك يەنىلا گېزىتمىز مۇخبىرنى بېلەت تاشلاش نوقتىلىرىدا سۆرەتكە تارتقاندا ئېھتىياتچان بۇلۇشقا ئاتايىن ئاگاھلاندۇرغان،چۈنكى ئۇنىڭ دىيىشچە:« ئوكرائىنا ئارمىيىسى يېقىندا ئاپتۇمات قاتارلىق بىر قىسىم قۇراللارنى يۈتتۈرۈپ قويغان بۇلۇپ،خەل ئارىسىدا بېلەت تاشلىغان كۈنى رۇسىيەنى قوللىمايدىغان ئوكرائىنا رادىكال ئۇنسۇرلىرى بېلەت تاشلاش نوقتىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلارمىش دېگەن مىش-مىش گەپلەر بارمىش».


يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى بولغان «رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى»دىن سىرىت،ئومۇمى خەلق ئاۋاز بىرىش نەتىجىسى رۇسىيە بىلەن ئوكرائىنا ئارىسدىكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟بۇنىڭغا قارىتا،مۇسكۇۋادىن كەلگەن دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزلىرى بولسۇن،ياكى نىيۇيۈركىتىن ئاۋاز بىرىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋەتەنگە قايىتقان ئالىكساندىر بولسۇن،ۋە ياكى مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىىشغا ھەمراھ بولغان ماك بولسۇن،ھەممەيلەن ناھايىتى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا:«مۇمكىن ئەمەس»دەيدۇ.
ئۇلار ئامېرىكا ياۋرۇپا تاراتقۇلىرنىڭ «رۇسىيە ئوكرائىنا ئىككى تەرەپنىڭ ئارمىيىسى چېگىرىدا ئاكۇپ قازماقتا»دېگەن سۆز-چۆچەكلىرىگە پىسەنىت قىلمايدۇ.«ئەلۋەتتە،ئامېرىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشدىن مەسلەن قىرىمغا رازۋېتكا ئايرۇپىلانى ئەۋەتىشىدىن ھۇشيار بۇلۇشىمىز كېرەك».ماك رۇسىيەنىڭ گرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسنىڭ MQ-5B تىپلىق ئۇچقۇچىسز رازۋېتىكا ئايرۇپىلانىنى قولغا چۈشۈرگەنلىگى توغرىسدا توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ:«ھېلىقى ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان قىرىم چېگىرىسى ئىچىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن، ئۇزۇنلۇقى 7مېتىر،5500 مېتىر يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئودا 22 سائەت ئۇچالايدىكەن.بىر ھەپتە بۇرۇن،ئامېرىكا ئارمىيىسى گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسنىڭ مەخسۇس رازۋېتكىغا مەسئۇل 66-برىگاداسىنى C-130تىپلىق تىرانسىپۇرت ئايرۇپىلانى ئارقىلىق پولشا ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە يۆتكەيدىغانلىغىنى ئەمدىلا جاكارلاپ،ئارقىدىنلا قىرىم ئاسمىندا ئامېرىكا ئارمىيىسنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانى پەيدا بولدى،بۇنى ھەمىشە سۈيقەسىت دېگىلى بولماس ».«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئالاھىدە يول ئارقىلىق قىرىم ھۆكۈمىتنىڭ يېقىندا ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىغا ئامېرىكا ئارمىيىسنىڭ بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنى كۆرسەتمەكچى بولغانلىغىنى،چۈنكى ئامېرىكا بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ 15-چىسلا رۇسىيە قالايمىقان بىلجىرلاۋاتىدۇ دېگەنلگىنى بىلگەن.


«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى چۈشكەن سىيىمفېروپول پويىز ئىستانىسىنىڭ ئەتراپىدا،بىر قانچە كۇرپۇس 3قەۋەتلىك كونا بىنادىن تەركىپ تاپقان بىر ئولتۇراق رايۇنى بار.ئەگەر ماك ئالاھىدە كۆرسەتمىگەن بولسا،بۇنى بىلگىلى بولمايتى،بۇ دەل قىرىمدا تۇرۇشلۇق ئوكرائىنا ئارمىيىسى قۇماندانلىق شىتابىنىڭ «ئائىللىكلەر بىناسى»ئىدى.49 ياشلىق يۇرى سامناك مۇخبىرنى بىر ياتاقلىق ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ،قىلچىمۇ خىجىل بولمىغان ھالدا ئۆزنىڭ ھەربى ئۇنۋانىنىڭ پولكۇۋنىك ئىكەنلىگى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:«ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقىنمىغا ساپمۇ-ساق 23 يىل بولدى.ئوكرائىنا ھۆكۈمىتى بىزگە ھىچنىمە بەرمىدى.ئايالىم ۋە 21 ياشلىق ئوغلۇم بىلەن بۇ ئۆيدە تۇرىمەن،ئوغلۇم ئامالسىز كېرسىلۇدا ئۇخلايدۇ.رۇسىيەنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغاندىن كېيىن،ھىچبولمىغاندا ئىززەت-ئابرۇيلۇق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلمەن».

پولكۇۋنىك يۇرى ئوكران مىللتىدىن بولسمۇ،ئوغلىنىڭ رۇسىيە فىدىراتسىسىگە قېتىلىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىشنى قوللايدۇ.15 يىل ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ئوكرائىنا رەسمى قىسمىنىڭ ئوفىتسىرى پودپولكۇۋنىك ئاندىرىمۇ رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:«مەڭگۇ كەلمەيدىغان ئوفتسىرلارغا ئولتۇراق ئۆي تەقسىملەشدىن باشقا،ئەگەر ئۆسمەكچى بولساڭ،يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسىرلارغا پارە بىرىشىڭ كېرەك.ئەڭ قۇرقۇنۇچلۇقى،قىسىممىزنىڭ ئوق-دۇرا ئىسكاتىغا پەقەت بىر 18 ياشلىق مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەر قارايدۇ.ھازىر ياخشى بولدى،رۇسىيە ئارمىيىسنىڭ ئالاھىدە قىسمى ئوكرائىنا ئارمىيىسنىڭ بۇ ئوق-دۇرا ئىسكىلاتنى ئۆتكۈزۋالدى،ھىچبولمىغاندا بىخەتەرلىكتىن چاتاق چىقىشتىن ئىنسىرمەيدىغان بولدۇم» .

50 ياشلىق پولكۇۋنىك ئىۋان ئوۋلىنكى ئەمدىلا پىنسىيىگە چىققان،سابىق سوۋىت ئىتتپاقى ۋە ئوكرائىنادا 22يىل ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن بۇ ئوفىتسىر ناھايىتى ئازاپلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«1984-يىلى ئۆي تەقسىملىندىغانلار تىزىملىگگە يېزىلدىم،بىراق ھازىرغىچە ئۆيگە ئىرىشەلمىدىم.100ياشقىچە ياشىساممۇ،ئۆي تەقسىملىنىشتىن ئۈمىد قالمىدى».بۇ 3 نەپەر ئوكرائىنا ئوفتسىرى«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا ھەربى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، سىرىتتىن كەلگەن قۇراللىق كۈچكە دۇچ كەلگەندە،بۇنداق پاسىپ سۆزلىمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.بىراق پولكۇۋنىك ئىۋاننىڭ تەسىراتى ناھايىتى ۋەكىللىك خاراكتىرىغا ئىگە؛«ھازىر بۇ دۆلەت ئۈچۈن جەڭ قىلدىغان ئادەم قالمىدى،كۆپچىلىكنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىغىنى ئوبدان بىلىمەن،چۈنكى مەن ھەربى بۇلۇپ قىسمىغا كىرگەندە،سوۋىت ئىتتىپاقى قۇشۇنىغا كىرگەن،شۇ چاغدا قوغدايدىغىنىم بىر ئۇلۇغ دۆلەت ۋە ئۇلۇغ مىللەت دەپ ھىس قىلاتتىم.بىراق ئۇ ئوكرائىناغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن،ئۆزەمنى پەقەت بۇيرۇققا بۇيسۇنۋاتمەن دەپ قارىدىم،ئوكرائىنانى بىر دۆلەت دەپ ھىس قىلىپ باقمىدىم ».


يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ قىرىمىغا ئەۋەتىلگەن مۇخبىرى چىيۇ يوڭجېڭ



خەتكۈچلەر:
18-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek