تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللار شېكەر تەركىبى يۇقىرى گازلىق ئىچىملىكىنى كۆپ ئىچسە سۈت بېزىنىڭ قۇيۇقلۇقى ئېشىپ كېتىپ، ئاسان سۈت بېزى راكى بولۇش خەۋىپى كېلىپ چىقىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، شېكەر ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئۇ كۆكسىدىكى ماي تەركىبلىرىنى ئازايتىپ، بەز تەركىبلىرىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن. بۇنداق بولغاندا بەزنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا ئاياللار بۇ جەھەتتىكى تەكشۈرتۈشكە سەل قارىماسلىقى، يېمەكلىككە دىققەت قىلىشى، كۆكسىنى قىزىق سۇدا يۇماسلىقى، پاكىز تۇتۇپ، دائىم ئۇۋۇلاپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. ناۋادا غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىشى زۆرۈر ئىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved