بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا، مېسسى ئوخشاشلا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن رونالدو بىلەن بۇففۇننى مەغلۇب قىلىپ، 2015-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى شەرىپىگە ئېرىشتى. بارسېلونا جەمئىي تۆت تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2015-يىلى مېسسى بارسېلوناننىڭ «بەش شاھ» بولۇشىغا زور تۆھپە قوشتى. مېسسىنىڭ مۇكاپاتىدىن باشقا، بارسېلونا كۇلۇبى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر كۇلۇب ۋە تاراتقۇلارنى ئەڭ جەلىپ قىلغان كۇلۇب شەرىپىگە، بارسېلونا رەئىسى بارتومېئۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر كۇلۇب رەئىسى شەرىپىگە ئېرىشتى.
ئىككى پىشقەدەم توپچى لەمپارد بىلەن پېرلو كەسپىي ھايات شەرەپ مۇكاپاتىغا، مېندىس ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاستىچى شەرىپىگە، بېلگىيەنى يېتەكلەپ دۆلەتلەر رەت-تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئېلىپ چىققان ۋىلموست ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل شەرىپىگە ئېرىشتى. بېنفىكا ئەڭ مۇنەۋۋەر ياشلار كوماندىسى مۇكاپاتىغا، روشەن ئىرماتوۋ ئەڭ مۇنەۋۋەر رېپېر مۇكاپاتىغا نائىل بولدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved