رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 21- ئۆكتەبىر ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشىنكو بىلەن تېلىفونلاشتى، ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىم ۋەزىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
كرىمنېل سارىي ئاخبارات ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن بىلەن پوروشىنكو ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر مىنسىكتا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمگە تولۇق ئەمەل قىلمىدى، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمدىكى توقۇنۇشقا قاتناشقۇچى ئەمەس، رۇسىيە پەقەت توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەملەشتى.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ مىلانو سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئويلىشىپ، ئىككى دۆلەت پىرېزىدېنتلىرى تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved