شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
شىنخۇا تورى توكيو 6-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لەن جيەنجۇڭ ) ياپونىيە شاڭخو ئۇنىۋېرسىتېتى، جياڭدۇڭ فېڭجۇ دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۆزىنىڭ پەقەت بىر تامچە قان ئارقىلىقلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان يېڭى ئۇسۇلىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسلىقى قان سۇيۇقلۇقىدىكى راك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ماددىلار قويۇپ بەرگەن نۇرنى تۇتىۋىلىش ئارقىلىق راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولمىغانلىقىنى ئېنىقلايدىكەن. بۇخىل ئۇسۇلنىڭ مەشغۇلاتى ئاددىي بولۇپ پەقەت بىر تامچە قان ئارقىلىقلا ئۈچ مىنۇت ئىچىدە نەتىجىسىنى ئېنىقلاپ چىقىدىكەن. بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر يىل ئىچىدە كىلىنكىلىق ئىشلىتىشچانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.
راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆسمە ناھايىتى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن سۈرەت ئارقىلىق تەكشۈرگەندە بايقاش ناھايىتى تەس بولۇپ، 2013-يىلى مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىلگىرى بىر خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى بايقىغان. يەنى قان سۇيۇقلۇقىنى« MY TECH » شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئالاھىدە مېتال ياپراقچىنىڭ ئۈستىگە قويغاندا راك ھۈجەيرىلىرى كېسەلگە قارشى كۈچ پەيدا قىلىش سىستېمىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا قان سۇيۇقلۇقىدىكى يادرولۇق كىچىك ماددىلارنى يىغىۋالىدىكەن. ئاندىن ئۇنىڭغا لازېر نۇر چۈشۈرۈپ ئۆلچەپ چىقىلغان مىقدارغا ئاساسەن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقدىكەن.
بۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقات گۇرۇپپىسى تېخىمۇ ئاسان ئۇسۇلنى بايقاش جەريانىدا 20 نەپەر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياكى ياخشى خاراكتېرلىك ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىنى ئالاھىدە ياپراقچە ئۈستىگە قويۇپ قويغان. ئاندىن ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر چۈشۈرگەندىن كېيىن يالتراق نۇرلۇق كۆرسەتكۈچ ئەينىكى ئارقىلىق كۆزەتكەندە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقى نۇر چاچقان، بىراق ياخشى خاراكتېرلىك ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقى نۇر چاچمىغان. تەتقىقاتچى خادىملار بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاخىرىدا بۇ 20 نەپەر بىمارنىڭ ئىچىدىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ چىققان.
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىسى ھازىر ئەنگلىيە « پەن تېخنىكا دوكلاتى» گېزىتىنىڭ تور نۇسخىسىغا بېسىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved