7-ئىيۇل ياپونىيەدىكى بىلىملىك زاتلاردىن تەشكىللەنگەن ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى تەشكىلاتى «مۇراياما سۆھبىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش جەمئىيىتى» ئابې شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى مەجبۇرىي ماقۇللىغانلىقىنى تەنقىدلىدى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى تارىخقا توغرا قاراشقا دەۋەت قىلدى. ياپونىيەدىكى داڭلىق يازغۇچى خاندو كازۇتۇشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئابې
شىنزو «تاجاۋۇزچىلىق»، «مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى»، «كەچۈرۈم سوراش» قاتارلىق سۆزلەرنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى 70 يىللىق سۆھبىتىگە چوقۇم كىرگۈزۈشى كېرەك، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەر كۈنى دېگۈدەك تارىخ ئۈستىدە ئويلاندۇق، ئەمدى كەچۈرۈم سورىمايمىز دەپ داۋراڭ سېلىپ، ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمىدى، بۇ ئەمەلىيەتتە ياپونىيەنىڭ ئەسلا تارىخ ئۈستىدە ئويلانمىغانلىقىدىن بىلدۈرىدۇ. ياپونىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى فۇكۇشىما مىزۇخو مۇنداق دېدى: لۇگۇچاۋ ۋەقەسىنىڭ 78 يىللىقى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، داڭلىق تارىخشۇناس ئالىملارنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىرقى ياپونىيەگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىمى تارىخنى ئۆرنەك قىلىش.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved