نۇرغۇن ياشانغان كىشى ئەسلىمە يېزىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە ھاياجانلىنىدۇ. مېنىڭچە، ئەسلىمە ئەلۋەتتە كېيىنكىلەر ئۈچۈن قىممەتلىك تارىخىي يالداما، بىراق ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇشنىڭمۇ زىيىنى يوق. ياشانغان كىشىلەر ئۆتمۈشنى ئۇنتۇسا، تېخىمۇ خۇشال ياشىشى مۇمكىن.
ئۇنتۇشقا ماھىر بولۇش ساغلاملىقنىڭ، يېتىلگەنلىكنىڭ بەلگىسى. پىسخولوگىيە مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق قارايدۇ: ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنتۇشنى ئۆگىنىۋېلىشمۇ بىر خىل ئىقتىدار،بىرخىل ساپا، بىرخىل پەزىلەت. ياشانغاندىمۇ ئۆتكەن گۈزەل كۈنلەرنى ئەسلەش ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق، جىسمانىي، روھىي ساغلاملىققا توسالغۇ بولىدۇ. ئۇنتۇشنى ئۆگىنىۋېلىش ئازابتىن، چارچاشتىن، قۇتۇلغانلىق، ئۆز ئۆزىنى يۈكسەلدۈرگەنلىك، مۇۋەپپەقىيەت-مەغلۇبىيەت،پايدا-زىيان،ھەق-ناھەقنىڭ ھەممىسىنى ئەستە ساقلىغاندا، ئاسانلا ھاردۇق يىتىدۇ.
ئوچۇق يورۇق، ئەندىشىسىز ياشىغاندىلا ئاخىرقى ئۆمرى ئەركىن ئازادە ئۆتىدۇ، ياشانغانلار ئۇنتۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئىدىيىدىكى بېسىمىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تولۇپ تاشقان ئۈمىدۋارلىق بىلەن رېئاللىققا يۈزلىنىشى كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved