ئىراققا ھۇجۇم قىلىش ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشى ھېسابلىنامدۇ؟

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كۆرەشچى ئايروپىلانى لازېرنۇرلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىنىڭ زەمبىرەك بازىسىنى بومباردىمان قىلدى.
7-ئاۋغۇست كەچتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاق سارايدۇ ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئەگەر ئەسەبىي تەشكىلات ئىراقنىڭ پايتەختى باغدات ۋە شىمالدىكى ئاربىل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلسا، ھەمدە شۇ يەردىكى ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ھەربىي خادىملىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت پەيدا قىلسا، ئۇلارغا نىشانلىق زەربە بېرىش توغرىسىدا ھوقۇق بەردۇق دېدى.


تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئىراققا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق ئىستراتېگىيەسىدىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئوبامانىڭ ئىراققا ھەربىي ئىشلار بويىچە ئارىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاتماي ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يامرىشىغا سەۋەبچى بولۇش ئېھتىماللىقى بارئىكەن، شۇڭا مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتىنى تۈپتىن ھەل قىلىغىلى بولمايدىكەن.


نەچچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشتىن ئۆزىنى ئېلىپ چىقىشقا ئۇرۇنغان ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق قايتىپ كەلدى. ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نىشانى بولغان ئىراق دەل ئوباما ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭنى ئەخمەقلىق بىلەن ئۇرۇش قوزغىدى دەپ ئەيىبلىگەن دۆلەت. ئالبىر شەھىرى ئىراقتىكى كوردلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكىنىڭ مەركىزى، ئامېرىكىنىڭ كونسۇلخانىسى، ئامېرىكا بىلەن ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت مەزكىرى جايلاشقان جاي.


ئوباما 7-ئاۋغۇست كەچتە سۆز قىلغاندا، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە مەن ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئىراق ئاممىسىغا ھاۋادىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ھوقۇقى بەردىم، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونغا قاپسىلىپ قالغان ئايزىدىيلار، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان رايوندىكى نەچچە مىڭ ئىراق ئاممىسىغا ئاشلىق ۋە سۇ ئاپىرىپ بەردى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئەۋەتمەسلىكى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.


ئاق ساراينىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاشقا بېرىلگەن ھۇقۇم چەكلىك، ئەسەبىي تەشكىلاتلار باغداتتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا پۇقرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالسا ئاندىن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاشقا بولىدۇ، بۇندىن باشقا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەگەر ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە كورد قوراللىقلىرى قاپسىلىپ قالغان ئايزىدىيلارنى قۇتۇلدۇرالمىغاندا ئاندىن ھۇجۇم قوزغىسا بولىدۇ، دېدى.


ئىراققا نۇقتا بەلگىلەپ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ئوبامانىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاخىرقى سىياسىي مىراسلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىم بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەت ئىراققا نۇقتا بەلگىلەپ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش پەيتى ئوباماغا تولىمۇ پايدىسىز.ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بولغان قوللاش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى رەھبەرلىك كۈچى ۋە تەسىر كۈچىمۇ گۇمان قوزغىماقتا. ھەتتا ئوبامانىڭ ئۆزىمۇ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار لايىھەسىنىڭ ئىراق كىرزىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.


ئامېرىكا جامائەتچىلىكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراققا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراققا قاراتقان ئىستىراتىگىيىسىدە تۇيۇقسىز بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، گەرچە ئوباما ھۆكۈمىتى قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر مەيدان ئىراق ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تەھلىلچىلەر: ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەت ئامېرىكىنى ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ توقۇنىشىدا تېخىمۇ كۆپ رول ئوينىتىشى مۇمكىن، دەپ ھېسابلاشتى.


ئوتتۇرا شەرىق رايونىدا بەزى تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم ئىراققا ھەربىي ئارىلىشىشى ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنى قوغداش شۇنداقلا رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ بېسىۋېلىشى تۈپەيلىدىن يۈرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان خىرىستىيانلار ۋە ئايزىدىلارنى قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ ھەركىتى جانلىق، تارقاق بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئۈزۈل كېسىل ئاجىزلىتىش ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
10-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران 12-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، بىر يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان مەككىدىكى ھەج قىلىشقا قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە دېيىلى...
14-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 13- ماي رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورناتتى، رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلا مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قورال-ياراغنى ئۆ...
14-05-2016
ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 12-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئالدىنقى يىلى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا ئاشلىق كېيىمىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ رايوندا تەخمىنەن 32 مىليون كىشى ئاشلىق بىخەتەرلىك تەھدىت...
14-05-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلىئونېز ھادىسى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى قورغاقچلىق ئاپىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشلىق كەمچىللىك ...
14-05-2016
   5-ئاينىڭ 12-كۈنى، خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باشلىقلار يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن (سولدا) يىغىنغا قاتناشتى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون يىغ...
14-05-2016
       ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاچىز مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئايدىن بۇيان پاكىستان-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم ئاراز...
13-05-2016
         ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
13-05-2016
         دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
13-05-2016
        شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
13-05-2016
       11- ماي برازىلىيە ئالىي پالاتاسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، جەمئىي 81 پالاتا ئەزاسى ئىچىدىكى 78 پالاتا ئەزاسى زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەتىجىدە 55 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 22 ...
Powered by Leglek