ئامېرىكىلىق ياشلار تېلېۋىزوردىن زېرىكىشكە باشلىدى


ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى تېلېۋىزور كۆرۈش، يەنى تېلېۋىزور پىروگراممىلىرىنى پاسسپ ھالدا قوبۇللاپ كۆرۈش شەكلىدە ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئىكەن.
Forrester ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ خىل يۈزلىنىش يالغۇز ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىلا يۈز بېرىپ قالماستىن، بەلكى يېشى بىر قەدەر چوڭ كىشىلەرمۇ بارار-بارا ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى تېلېۋىزور كۆرۈشتىن، توردا فىلىم كۆرۈشكە يۈزلىنىۋاتقان ئىكەن. تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرىدىغان ۋاقتى بارغانسېرى ئازىيىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى توردا كىنو ياكى باشقا تۈردىكى ۋىدىئولارنى كۆرۈشكە سەرىپ قىلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىكەن.


بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، تېلېۋىزورنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى تەۋرىنىشكە باشلىغان.

 


Forrester شىركىتى جەمئىي 4709 نەپەر ئامېرىكىلىق ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە، 18 دىن 88 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا، ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى ئاران %46 بولغان.


تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى 50-يىللاردا تۇغۇلغانلار ۋە بوۋاق بالىلار ئىكەن، ياش-ئۆسمۈر ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سانى نىسبەتەن ئاز ئىكەن.

 


ئىگەللىنىشىچە، Netflix ۋە Hulu قاتارلىق كۆپلىگەن ئىنتېرنېت ئاساسىدىكى ۋىدىئو مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى تېلېۋىزىيە كەسپىگە زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن. بىراق، ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېلېۋىزور يەنىلا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كۆرۈش قورالى ئىكەن. %55 دىن ئارتۇق ياش ئابونتنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا يەنىلا تېلېۋىزورنى ئاچىدىكەن، ھەر ھەپتىدە ئاز دىگەندە تۆت سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزىيە نۇمۇرلىرىنى كۆرىدىكەن.


كىشىلەرنىڭ مەزمۇن ئىستېمال قىلىش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، بىراق، بارلىق ئىستېمال مەزمۇنلىرىنىڭ تۈرىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، تېلېۋىزور يېتىلدۈرگەن ئەنئەنىۋى ئادەتنىڭ يېلتىزى يەنىلا ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە مۇستەھكەم ئىكەن. مەيلى قانداق ئۈسكۈنە سۇپىسىدا بولسۇن، يېڭىدىن ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يەنىلا ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەن. بىراق، %37 ئامېرىكىلىق ياش توردا تېلېۋىزوردا قويۇلمايدىغان فىلىملەرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن، بەزىلىرى تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ كونا قىسىملىرىنى ئىزدەپ كۆرىدىكەن.


تور ۋىدىئولىرىنىڭ ياش ئابونتلار ئىچىدىكى تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ئىكەن، ھالبۇكى، بۇ بىر توپ كىشىلەر يەنە نۆۋەتتىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغان تاماشىبىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېلېۋىزور كۆرىدىغانلارنىڭ ئىچىدە ياشلارنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى بىر ئاپەت بولۇپ ھېسابلىندىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنى پۈتۈنلەي ناچار ئەھۋال دەپ قاراشقىمۇ بولمايدىكەن، گەرچە تېلېۋىزىيە ئابونتلىرى توپىدا پارچىلىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق، ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركەتلىرى يەنىلا ھەرخىل ئامال-چارىلەرنى ئىشلىتىپ تاماشىبىنلارنى تۇتۇپ قالالايدىكەن، ھەمدە ماس ھالدا كىرىم يارىتالايدىكەن.



28-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek