ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
شىنخۇا تورى برازىلىيە 3- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، برازىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 29- مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 28- مارت كېچە برازىلىيە مانائوس شەھىرىدە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سوقۇشۇپ كېتىپ، 15 ئادەم ئۆلگەن ۋە 18 ئادەم يارلانغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا 28- مارت كېچە سەككىز يېرىمدا، مانائوس شەھىرىدىكى بىر مەركىزى كوچىدا بىر يۈك ئاپتوموبىلى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قارشى يۆنىلىشكە كىرىپ قېلىپ، لىق يولۇچى ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇشۇپ، نەق مەيداندا 12 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئالتە ئايلىق بولغان ھامىلدار ئايال ۋە ئەمدى بىر ياشقا كىرگەن كىچىك بالىمۇ بار.
قاتناش ۋەقەسىدىن كېيىن قۇتقۇزغۇچى خادىملار دەرھال يارىلانغانلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزغان. ئەمما 29- مارت چۈشتىن بۇرۇن ئېغىر يارىلانغان ئۈچ يارىدار قازا قىلغان، يەنە بىر يارىدار ھازىر خەتەر ئىچىدە تۇرماقتا.
ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە. نۆۋەتتە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىنى مېخانىكىلىق كاشىلا ياكى ئادەم كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئېنىق ئەمەس، چۈنكى مەزكۇر ئاپتوموبىل بۇ يىل يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىل بولۇپ، شوپۇر ۋەقەدە قازا قىلغان ئىكەن.
مانائوس شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەقەدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرۈشنى قارار قىلدى.
مەنبەسى شىنخۇا تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved