سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 2013 – يىلى 4 – دېكابىر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ۋە جۇڭگو تېلېگرافى شىركەتلىرىگە 4G ئىجازەت گۇۋاھنامىسى بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز 4G دەۋرىگە قەدەم قويدى.
شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 10 – دېكابىر 4G تورىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 2014 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ناھىيە، شەھەر، تۈەن – مەيدان، 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنى 4G تورى بىلەن قاپلاپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
4G دېگىنىمىز زادى نىمە؟ 4G — ئىنگلىزچە ‹‹4 – ئەۋلاد كۆچمە ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى›› دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى. ھازىر4G نىڭ خەلقئارا تېلېگراف بىرلەشمىسى ئېتىراپ قىلغان بەش خىل ئۆلچىمى بار، ئۇلار WiMax،+HSPA، LTE، Advanced– LTE ۋە Advanced–WirelessMANلاردىن ئىبارەت. بۇلاردىن LTE ئۆلچىمىنىڭ LTE–TD ۋە LTE–FDD دىن ئىبارەت ئىككى شەكلى بار. بۇ نۆۋەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۈچ تېلېگراف شىركىتىگە ئېلىمىز مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە LTE–TD ئۆلچىمىدىكى 4G ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى بەردى. بۇنداق 4G تورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چۈشۈرۈش سۈرئىتى Mbps100 (ھەر سېكۇنتتا 12.5 مېگابايتلىق ھۆججەتنى چۈشۈرەلەيدۇ)قا، ئەڭ يۇقىرى يوللاش سۈرئىتى Mbps50 قا يېتىدۇ. بۇنداق سۈرئەتتە سۈپىتى يۇقىرى بىر Mp3 ناخشىنى(7 مېگابايت چوڭلۇقتا) چۈشۈرۈشكە بىر سېكۇنتمۇ كەتمەيدۇ. يان تېلېفوندا توردىكى سىن ھۆججەتنى چەككەن ھامان، ساقلاتمايلا قويۇلۇشقا باشلايدۇ. كوچىدا كېتىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلىدىكى تېلېكامېرا تارتىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشىنى ساقچى ئىشخانىسىدا بىر سېكۇنتمۇ كېچىكتۈرمەي ئۇدۇللۇق كۆرگىلى بولىدۇ...
ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىلار نەزەرىيە جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلەردىن ئىبارەت. ‹‹خەلق گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ بىر ئاي ۋاقىت ئاجرىتىپ بېيجىڭ شەھىرىدە سىناش ئارقىلىق ھېس قىلىشىچە، 4G تورىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سۈرئىتى نەزەرىيە تېزلىكىگە ھەرگىزمۇ يېتەلمەيدىكەن. مۇخبىر سىنىغاندا، چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا Mbps44 45. قا چىقالىغان، ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈش سۈرئىتى Mbps25 بولغان. سىگنال ئاجىز جايلاردا چۈشۈرۈش سۈرئىتىMbps6 قا، يەنى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ھازىرقى G3 تورىنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈپ قالغان.
دېمەك، 4G تورىنىڭ ھەقىقىي كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە مەلۇم جەريان كېتىدۇ. كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، سىگنال تارقىتىدىغان ئاساسىي پونكىت قانچە كۆپ بولسا، سىگنال شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. يەنى، ئاساسىي پونكىت يېتەرلىك دەرىجىدە كۆپ قۇرۇلۇپ، سىگنال كۈچلۈكلۈكى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن 4G تورىنىڭ ‹‹تېز››لىكىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگىلى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved