ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستانلىق ئەر دىنېش كائۇراۋ روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان 65 ياشلىق دادىسى ۋە 21 ياشلىق ئىنىسىنى كىشەن بىلەن 20 يىلچە باغلاپ قويغان.
دىنېشنىڭ دادىسى بىلەن ئۇكىسىغا 1994-يىلى روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتىۋاتقان دىنېشنىڭ ئۇلارنى داۋالىتىشقا، ھەتتا دورا ئېلىشقىمۇ قۇربى يەتمىگەن. ئەمما ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئۇكىسىنىڭ كېسلى ئېغىرلاپ كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان، كەنتتىكىلەرگە تاش ئاتىدىغان، يۈتۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان. دىنېش ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى، شۇنداقلار كەنتتىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامالسىز دادىسى بىلەن ئىنىسىنى كىشەن بىلەن ئۆيگە باغلاپ قويۇپ، 20 يىلچە سولاپ قويغان. ئەمما باشقىلارنىڭ ئېىيتىشچە ، دىنېش ئاتىسى ۋە ئىنىسىغا بەكمۇ ياخشى قارايدىكەن، كۈندە ئۇلارغا تاماق يىگۈزۈپ، يۇيۇندۇرىدىكەن.
دىنېش گەرچە ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش ئورگىنىغا ياردەم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما رەت قىلىنغان . شۇڭا ئۇ 20 يىلدىن بۇيان ئاپىسى بىىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئۆزلىرى خەۋەر ئالغان. يېقىندا، يەرلىك داۋالاش ئورگىنى ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved