شىنخۇا تورى ، موسكۋا ، 24-نويابىر تېلېگراممىسى: ئادەملىك ئۇچار كېمە « ئىتتىپاقداش TMA-15M» نى ئېلىپ ماڭغان «ئىتتىپاقداش -FG» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا 24-نويابىر سەھەر قازاقىستاننىڭ بەكنۇر راكېتا قويۇش بېرىش بازىسىدا خەلقئارا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى .
رۇسىيە فېدېراتىپ ئالەم بوشلۇقى مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، «ئىتتىپاقداش» راكېتاسى موسكۋا ۋاقتى 24-نويابىر سائەت 1:01 دە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 5:10 دا) ھاۋاغا قويۇپ بېرىلگەن . ئۇچار كېمە پىلان بويىچە ئالتە سائەت ئۇچقاندىن كېيىن ، تېز سۈرئەتتە خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ «نۇر» ناملىق نىشانلىق بۆلمىسى بىلەن ئاپتوماتىك تۇتاشقان.
«ئىتتىپاقداش TMA-15M» ناملىق ئۇچار كېمە ئارقىلىق خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا چىقىرىلغان يەنە تۇنجى قەھۋە ماشىنىسى «ISSpresso» مۇ بار بولۇپ ، كۆپ قىسمى پولات تۇرۇبىدىن ياسالغان بۇ قەھۋە ماشىنىسىنىڭ ئېغىرلىقى 20 كىلوگىرام كېلىدىكەن ، ئۇ پەقەت يۇقىرى بېسىم ئاستىدىلا خىزمەت قىلالايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved