خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشىدا 22-مارت ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى چىن بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۇاڭشىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىمتىھان بىلەن قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەبئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ، 2022 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئىسلاھ قىلىنغان لايىھە يولغا قويۇلىدۇ.چىن بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2019-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇشقا كىرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى لاياقەتلىك خاراكتېرلىك ئىمتىھان ۋە دەرىجە خاراكتىرلىك ئىمتىھان دەپ بۆلۈنىدۇ؛ ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى، ئىدىيە-سىياسىي، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ھەممىباب تېخنىكا، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق 14 پەندە لاياقەتلىك ئىمتىھان تەسىس قىلىنىدۇ، ئىمتىھان نەتىجىسى «لاياقەتلىك ۋە لاياقەتسىز» دەپ ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىدىيە-سىياسىي، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە قاتارلىق بۇ ئالتە پەندە يەنە دەرىجە خاراكتېرىدىكى ئىمتىھان تەسىس قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرىدىغان مەكتەپ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ پەننى تاللاپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ، ئىمتىھان نەتىجىسى دەرىجىگە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئايرىلىپ نومۇرغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئومۇمىي نومۇرىغا قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2022-يىلدىن باشلاپ، گۇاڭشىدا تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى قاتارلىق ئۈچ پەن بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پەنلىرى قىلىنىدۇ، ھەربىر پەندىكى ئومۇمىي نومۇر 150 نومۇر بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئومۇمىي نەتىجىسى تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى قاتارلىق ئۈچ پەندىكى نەتىجىسى ۋە دەرىجە خاراكتېرلىك ئۈچ پەن ئىمتىھان نەتىجىسىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئومۇمىي نەتىجىسىنىڭ تولۇق نومۇرى 750 نومۇر بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved